مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ «سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، مىكرو سۇبيېكتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش» تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2019.07.09 17:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 7-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدا دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار قانات يايدۇرغان «تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، مىكرو سۇبيېكتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش» تېمىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى.

  ۋاڭ ياڭ ئالاقىدار دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سودا مۇھىتى بولسا بازار سۇبيېكتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا تايىنىدىغان تۇپراق، بىر دۆلەت ۋە رايوننىڭ مۇھىم رىقابەت كۈچى ھېسابلىنىدۇ. سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇشقا، پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، بازار سۇبيېكتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ئەقلىي كۈچى توپلاشقان، بازار سۇبيېكتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىگە كەڭ قۇلاق سېلىپ، يولغا قويۇشقا بولىدىغان تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى كۆپرەك تەقدىم قىلىشى كېرەك. سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشنى چۆرىدەپ دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنى ئېلىمىزنىڭ سودا-تىجارەت مۇھىتىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئاقىلانە قاراشقا يېتەكلەپ، كەيپىياتنى ياخشىلاپ، زىددىيەتنى پەسەيتىپ، ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىپ، ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى كۆپرەك ئىشلەپ، ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ