خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئادەم كەتسە چاي سوۋۇيدۇ»دېگەن تەمسىل بار. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگو مەدەنىيىتىدە ئىسسىق چاي كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ئەمەلىيەتتە پەقەت جۇڭگولا ئەمەس، رۇسىيە، ئىران ۋە تۈركىيە قاتارلىق نۇرغۇن ئاسىيا-ياۋروپا دۆلەتلىرىدە كىشىلەر ئىسسىق چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. يېقىندا، «خەلقئارا راك كېسىلى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چاينىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى كۆرۈنەرلىك ئاشىدىكەن.
جۇڭگوغا ئوخشاش، ئىرانمۇ ئۇزاق چاي مەدەنىيىتى تارىخىغا ئىگە. تەتقىقاتچىلار 50 مىڭ ئىرانلىقنى 10 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن، شۇ جەرياندا، ئىرانلىقلار دائىم ئىچىدىغان چاينىڭ تېمپىراتۇرىسى ۋە ئۇلار گىرىپتار بولغان قىزىلئۆڭگەچ راكىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغقان. تەھلىل قىلىشتىن مەلۇم بولۇشىچە، چاي ئىچمەيدىغان ياكى سوغۇق چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، كۈنىگە ئىككى ئىستاكاندىن ئارتۇق ۋە تېمپېراتۇرىسى 60 سېلسىيە گىرادۇسلۇق چاي ئىچىدىغان كىشىلەرنىڭ قىزىلئۆڭگەچ راكى بولۇش نىسبىتى %90كە يەتكەن.
يېقىندا، تەتقىقات ئۆمىكى "نېمە ئۈچۈن باشقا ئىسسىق ئىچىملىكلەرگە نىسبەتەن، ئىسسىق چاينىڭ قىزىلئۆڭگەچ يولىغا بولغان زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ؟ بولۇپمۇ ئۇ ئاسانلا قىزىلئۆڭگەچ راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟" دېگەن مەسىلە ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدەنمەكچى بولغاغ. بىراق، ئۇلار يەنە شۇنىمۇ تەۋسىيە قىلدىكى، ھەر قانداق بىر ئىستاكان «ئېغىز كۆيدۈرۈدىغان» ئىچىملىكنى ئىچىشكە توغرا كەلگەندە، ئالدى بىلەن سەۋرچان بولۇپ، بىر نەچچە مىنۇت ساقلاپ ئاندىن ئىچىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ