مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ «ئەزالار دەرسخانىسى» پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

«ئەزالار دەرسخانىسى»نى يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجىنىڭ مۇھىم كۆزنىكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2019.07.10 17:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10 – ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنى بېيجىڭدا «ئەزالار دەرسخانىسى» پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئەزالار دەرسخانىسى» 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىزدىنىشى بولۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ساھە ۋە ئامما بىلەن ئالاقىلىشىشى، ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئىجابىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى، ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىشى ۋە تارقىتىشى ئۈچۈن بىر يېڭى مېخانىزملاشتۇرۇش سۇپىسى ئورناتتى، ئۇنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ «ئەزالار دەرسخانىسى»نى ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك كۈچىشىنى بېيىتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجىسىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنىكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان، «ئەزالار دەرسخانىسى» سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەزالارنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ 16 سان پىروگراممىنى سۈرەتكە ئېلىپ ئالتە ساننى قويۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بۇ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى يېڭى ماركىسى، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، چىڭ تۇرۇش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تېما تاللاش پىلانلاشنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، سىياسەت يۈكسەكلىكى، ئىجتىمائىي قىزغىنلىق ۋە خەلق تۇرمۇشى ئىللىقلىقىغا تەڭ ئېتىبار بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاۋازىنى تېخىمۇ ياخشى تارقىتىپ، سىياسىي كېڭەش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. ئەزالارنى باش رول ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسىنى شەرھلەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ تۈگۈننى يېشىپ، كەيپىياتنى راۋانلاشتۇرۇپ، زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ، ئىجابىي يېتەكلەش، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تارقىتىش يوللىرىنى بېيىتىپ، ماركىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ