شى جىنپىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان ئۈلگىلىك ئورگان قۇرۇش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى جاۋلېجى، خەنجېڭ قاتناشتى

2019.07.10 17:25 مەنبە: خەلق تورى

  يېڭى ۋەزىيەتتە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەسى، نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۈلگە بولۇپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتا ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان ئۈلگىلىك ئورگان قۇرۇش كېرەك.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى چوقۇم ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە بولۇشنى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئورنى ۋە رولى بېكىتكەن. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئەڭ يېقىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۈچۈن ئەڭ بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى شۇنداقلا باشقا ساھەلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدا مۇھىم يۆنىلىش بەلگىسىلىك رولغا ئىگە. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چوقۇم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىن باشلاپ قاتتىق تۇتۇش، ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك.

  باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، بىرىنچى قول رەھبەرلەر خىزمەت قىلغاندا ئالدى بىلەن ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىگە توغرىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغاتوغرىلىنىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، سىياسىي مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي پوزىتسىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، پەرقنى ۋاقتىدا توغرىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغان ئىشلارغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغان ئىشلارنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەن ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىقى كېرەك.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10 – ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى 7 – ئاينىڭ 9 – كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەسى، نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۈلگە بولۇپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتا ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان ئۈلگىلىك ئورگان قۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋلېجى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەنجېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ