مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۈتۈنۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى − سەھەر تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەيپىياتنى ياخشى باشقۇرۇش

2019.07.09 17:04 مەنبە: خەلق تورى

  سەھەر تۇرغان ئادەم بارغانسېرى ياشىرىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۇرغۇن ئادەم ئەتىگىنى قوڭغۇراق نەچچە قېتىم چېلىنغاندىن كېيىن ئاندىن كۆزىنى ئېچىپ ئورنىدىن تۇرىدۇ، يۈز- كۆزلىرىنى ئالدىرىماي يۇيۇپ گىرىم قىلىپ، ئالدىراپ ئىشقا ماڭىدۇ، بۇ خىل ۋاقىت قوغلاۋاتقاندەك تۇيغۇ بەدەننى ھاردۇرۇپلا قالماي، چوڭ مېڭىنىڭ راۋان بولماسلىقىنى، خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  نېمىشقا سەھەر تۇرۇپ سىناپ باقمايسىز، تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، سەھەر تۇرغان ئادەم تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، تېخىمۇ ياش كۆرۈنىدىكەن.

  ئۇزاق مۇددەت سەھەر تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرالايدىغان كىشىلەردە ئادەتتە تۈنەشتەك يامان ئادەت بولمايدىكەن، بۇنداق بولغاندا، كۆپ ھاللاردا تۈنەشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەردىن ساقلىنىپ، بەدەن تېخىمۇ ساغلام بولىدىكەن.

  ئۇزاق مۇددەت بالدۇر ئۇخلاپ، سەھەر تۇرغاندا، ئالدى بىلەن مېتابولىزم راۋان بولۇپ، تېرە تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا كۆز ئەتراپىدىكى قارىلار يوقاپ كېتىدۇ. كەچ ئۇخلايدىغان، كېچىسى ئۇخلىمايدىغان، كۈندۈزى تۇرالمايدىغان كىشىلەرمۇ ھەر كۈنى يەتتە سائەت ئۇخلىغان تەقدىردىمۇ، سەھەر تۇرىدىغانلارغا قارىغاندا چىرايى تاتىراڭغۇ كېلىدۇ.

  سەھەر تۇرغاندا بەدەندىكى بىيولوگىيەلىك سائەت ياخشى تەڭشىلىپ، ئاشقازان-ئۈچەي ھەرىكىتى تېخىمۇ جانلىنىپ، سەھەردە تەرەت قىلىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق. شۇڭا، سەھەر تۇرالىسىڭىزلا، ناھايىتى ياخشى ھۆسن تۈزەش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيسىز.

  سەھەردە زادى قانداق ئىشلارنى قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ جاۋابى شۇكى، چوقۇم سوزۇلۇش گىمناستىكىسى ئويناپ، بەدەننى ھەرىكەتلەندۈرۈپ سوزۇش كېرەك.

  ئۇخلاش جەريانىدا، بەدەن ھەرىكىتىنى توختىتىپ، «قېتىشىش» ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئەتىگەندە ئاستا-ئاستا سوزۇلۇش ھەرىكىتى ئىشلىگەندە، بەدەن مۇسكۇلى ئەركىن ئېچىلىپ، قان ئايلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدەننى ئىسسىتىپ مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بىر كۈن ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ.

  سەھەر تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغاندا، بارغانسېرى گۈزەللىشىپ كېتىشتىن باشقا، تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇپ كېتىسىز.

  چۈنكى، ئۇزاق مۇددەت سەھەر تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغانلارنىڭ مېڭە ھۈجەيرىسى ياكى نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆمرى ۋە ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، بۇ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولغان ئويغىنىش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، تېخىمۇ جانلىق، ئەقىللىق بولىدىغانلىقىنى، ئىش قىلىش ئۈنۈمى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى جەھەتتە ناھايىتى كۆپ يۇقىرى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  سەھەر تۇرۇش يەنە تەشۋىشلىنىش پىسخىكىسىنى پەسەيتىدۇ، «كۈندۈزى» نىڭ ۋاقتى ئۇزىراپ، باشقىلاردىن ئىككى سائەت ئارتۇق بولۇپ كەتكەندەك، ۋاقىت سىزنى قوغلاۋاتماي، بەلكى سىز ۋاقىتقا قوماندانلىق قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز. ئوخشاشلا، ۋاقتىدا ئارام ئېلىپ، بالدۇر ئورنىدىن تۇرغانلارنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى تېخىمۇ ئاز بولىدۇ.

  سەھەر تۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشتىن باشلاپ سىناپ بېقىڭ.

  ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىش ئۈچۈن بىر سائەت ياكى يېرىم سائەت سەھەر تۇرۇپ بېقىڭ، 10 مىنۇت بالدۇر تۇرۇشمۇ سىزنى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان قىلىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە تەۋە ۋاقىت، خەت يېزىش، گۈل تىزىش، يۈگۈرۈش، رەسىم سىزىش دېگەندەك ھەرقانداق ئىشنى قىلسىڭىز بولىدۇ، بۇ ۋاقىت ئارتۇقچە مۇكاپاتقا ئوخشايدۇ.

  كەيپىياتنى كونترول قىلالىغانلار تەقدىرىنى قولىدا تۇتالايدۇ

  سىز ئىزچىل «ئۆتمۈشكە پۇشايمان قىلىپ، كەلگۈسىدىن ئەنسىرەپ، بۈگۈنگە نارازى» بولۇپ كېلىۋاتامسىز؟ ھازىر، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئازدۇر-كۆپتۇر «كۆڭۈل ئازابى»غا بەرداشلىق بېرىۋاتىدۇ. ھەر كۈنى بىر قىسىم كىشىلەر كەيپىياتىنى كونترول قىلالماي، باشقىلارغا زورلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ ياكى بۇ دۇنيادىن ئايرىلىشنى تاللايدۇ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر تەشۋىشلىنىش ئىچىدە ياشايدۇ. جۇڭگودا 15 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىرىنچى سەۋەب كېسەللىك ۋە تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش.

  مېدىتسىنادا ئىسپاتلىنىشىچە، ئادەمدىكى ھەر خىل كېسەللىكلەر پاسسىپ كەيپىيات بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  پىسخىكا مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كەيپىيات كېسەللىكنىڭ مەنبەسى، ھەقىقىي ساغلاملىققا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، قۇۋۋەت تولۇقلاش بۇيۇملىرىنى يېيىش، دوختۇرغا كۆرۈنۈشكىلا تايىنىشقا بولمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى باشقىلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشنى ئۆگىنىۋېلىش، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش، يەنى بەخت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كىشىلىك ھاياتتا ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بىرىنچى دەرس دەل كەيپىياتنى باشقۇرۇش دەرسى، بىز پاسسىپ كەيپىيات بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشنى ئۆگىنىشتىن باشقا، يەنە ئاكتىپ كەيپىيات بەرپا قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك، كەيپىياتنى كونترول قىلساق تەقدىرىمىزنى كونترول قىلالايمىز، كەيپىياتنى كونترول قىلساق بەختلىك بولالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ