لى كېچياڭ بېنگال زۇڭلىسى خاسىنا بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.07.05 14:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 4- ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن بېنگال زۇڭلىسى خاسىنا بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېنگال جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، ئىككى دۆلەت ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىنى چۈشەندى، بىر-بىرىنى قوللىدى. رەئىس شى جىنپىڭ 2016- يىلى بېنگالنى مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەت قىلدى، ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. جۇڭگو جەزمەن بېنگال بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلئارا دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ