مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

2019.07.05 08:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى، يىغىندا ئەركىن سودا سىناق رايونىغا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىشتا تېخىمۇ زور مۇستەقىللىق ھوقۇقى بېرىشنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئالدىن يولغا قويۇشى ۋە ئالدىن سىناق قىلىشىغا مەدەت بېرىلدى؛ چېگرا ھالقىپ ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ ئىنقىلابىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، تاشقى سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى،گوۋۇيۈەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئەركىن سودا سىناق رايونلىرى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ،«بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش » ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى قۇلايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ،تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر تۈركۈم نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى شەكىللەندۈردى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملاشتۇردى.كېيىنكى قەدەمدە مەۋقەنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئومۇمىيىتى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە قارىتىش كېرەك. يۇقۇرى ئۆلچەملىك خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە قارىتا، ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ يەنىمۇ ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىش،ئۈزلۈكسىز ئېچىۋېتىش، ئېچىۋېتىشنى زورايتىش جەھەتتە يېڭى قەدەم تاشلىشىغا مەدەت بېرىش لازىم. بىرىنچى، ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىغا ئۆلكە دەرىجىلىك باشقۇرۇش ھوقۇق چېكى، بولۇپمۇ مەبلەغ سېلىشنى تەستىقلاش، بازار ئىجازىتى قاتارلىق ھوقۇق چېكى بېرىشىگە تۈرۈتكە بولۇش كېرەك. ئەركىن سودا سىناق رايونىدا« گۇۋاھنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش» ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. جايلار ۋە تارماقلارنىڭ دىققىتىنى بازار سۇبيېكتىنىڭ ئارزۇسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز دائىرىسىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات ئىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىدا ئالدىن سىناق قىلىشنى قوللاش كېرەك.

  ئىككىنچى، 2019 - يىللىق ئەركىن سودا سىناق رايونىدا چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلىغى ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى ياخشى يولغا قويۇپ،ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش لازىم. سودىنى قۇلايلاشتۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق كونكرېت تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ بازار ئىجازىتىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىش، بولۇپمۇ مۇلازىمەت كەسپىنى ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئۈچۈن تەجرىبە توپلاش كېرەك. ئۈچىنچى،زور ئىسلاھات ئىشلىرىدا جايلار ۋە تارماقلار بىرلىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. قانۇن - نىزاملارنى تەڭشەپ يولغا قويۇشقا توغرا كەلسە، تەرتىپ بويىچە بېجىرىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ماسلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ،ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى : چىگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كەسىپ ئىنقىلابىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، ئىمپورت - ئېكسپورتنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،چىگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كۆلىمى تېز كېڭىيىپ، تاشقى سودىنىڭ ئېشىشىدىكى گەۋدىلىك يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپلەرنى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە قىستاپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئېچىپ، تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق ئوبوروت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە كۆپلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى. كېيىنكى قەدەمدە، ھازىرقى 35 چىگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى ئاساسىدا، يەنە بىر تۈركۈم سىناق قىلىنىدىغان شەھەرلەرنى كۆپەيتىش كېرەك.چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش ئېكسپورتىدا « تالونسىز باج كەچۈرۈم قىلىش » سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىنى تەكشۈرۈش ئېلىشقا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم.

  چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ستاتىستىكا سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، چەت ئەلدە ئامبار قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قوللاپ،قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، سىغدۇرۇشچان، ئېھتىياتچان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساختا، ناچار تاۋارلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە سودىگەرلەر، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك.چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىغا ئالاقىدار خەلقئارا قائىدىلەرنى تۈزۈشكە پائال قاتنىشىش لازىم.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ