مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ 2019-يىللىق يازلىق داۋوس مۇنبىرىگە قاتناشقان ھەرساھە ۋەكىللىرى بىلەن سۆزلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2019.07.05 08:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-ئاينىڭ 2-كۈنى دالىيەندە 2019-يىللىق يازلىق داۋوس مۇنبىرىگە قاتناشقان خەلقئارا سودا - سانائەت، پۇل مۇئامىلە، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ ساھەسىدىكى200 دىن ئارتۇق ۋەكىل بىلەن سۆزلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

  سودا مۇھىتى توغرىسىدا، لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان، تېخىمۇ مۇقىم، ئاشكارا، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىجازەتتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلىنى پاسسىپ تىزىملىككە قوشۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، كەلگۈسىدە پاسسىپ تىزىملىك بارغانسېرى قىسقىرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە«چەكلەنمىگەن بولسىلا كىرىش» پرىنسىپى بويىچە، ئېچىۋېتىش دەرىجىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مەيلى ئىچكى-تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى بولسۇن، جۇڭگودا رويخەتكە ئالدۇرسىلا، ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ.

  پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئېچىۋېتىش توغرىسىدا، لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى جۇڭگو پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئادىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىملىقىنى تىرىشىپ ساقلاپ، پۇل سىياسىتىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، مۇۋاپىق پەيتتە ئالدىن تەڭشەپ، ئىنچىكە تەڭشەپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەكشى سەۋىيەدە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلىدى. بىز ھەم ۋىۋىسكا ئېسىلغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ياخشى باشقۇرۇشىمىز، ھەم «كىنىشكىسىز تىجارەت قىلىش» ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى بارغانسېرى ئېچىۋېتىلىدۇ ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى بارغانسېرى قېلىپلىشىدۇ.

  لى كېچياڭ پۇقراۋىىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ پۇقراۋىىي كارخانىلىرى%80تىن ئارتۇق شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تىرەك بولۇپ، %60ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ياراتتى، ئۇ جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى. بىز ئۇلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، يىل بېشىدىلا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرلىك باجنى كېمەيتىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بېجىنى 200 مىليارد يۈەن كېمەيتتۇق. بۇ يىل 5-ئايدا، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ بىر تىرىليون 700 مىليارد يۈەن بېجىنى كېمەيتىپ، نۇرغۇن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى نەپكە ئىگە قىلدۇق. بىز باجنى كېمەيتىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنى كارخانىلارغا ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈپ، كارخانىلارغا ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ يەنە كەسىپ زەنجىرىنى تەڭشەش، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى قاتارلىق سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

  ۋەكىللەر زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇنبەر مەزگىلىدە قويۇپ بەرگەن ئاكتىپ سىگنالىغا ئىجابىي باھا بەردى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتە قوللانغان تەدبىرلىرىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇدى، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شياۋ جيې يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ