مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى نەزەرىيە تەتقىقاتىنىڭ دەۋرچانلىقى، ئەمەلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك

2019.07.05 15:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5 – ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 7 – ئاينىڭ 3 - كۈنى جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى نەزەرىيە تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنى ۋە نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلام يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دەۋرنىڭ قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، دەۋرنىڭ تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى نەزەرىيە تەتقىقاتىنىڭ دەۋرچانلىقى، ئەمەلىيەتچانلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، قان كېچىپ جەڭ قىلىش ۋە بوشاشماي ئىزدىنىش ئارقىلىق بەرپا قىلغان جۇڭگوچە ھاكىمىيەتنىڭ تەشكىلىي شەكلى بولۇپ، كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىككە ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەۋقەنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى، مۇھىم كۆرسەتمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى، ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ۋە ماھىيەتلىك تەلىپىنى كېڭەيتتى، بۇ پارتىيەمىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى كۆز قاراش، يېڭى كۆرسەتمە، يېڭى تەلەپنى چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەتقىقات خىزمىتىنى پۇختا، چوڭقۇر ئېلىپ بېرىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ئىدىيەسىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ