مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ بۇلغارىيە زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى

2019.07.05 08:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا بۇلغارىيە زۇڭتۇڭى رادف بىلەن كۆرۈشتى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگو- بۇلغارىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇنجى قېتىم بۇلغارىيەدە زىيارەتتە بولدى. بۇ قېتىم رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك شىرىكلىك مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى. نۆۋەتتىكى دۇنيادىكى ئۆزگىرىش ۋە خىرىس ئالدىدا، جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش داۋامىدا ئېچىۋىتىشچان دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرماقتا؛ ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش داۋامىدا بۇلغارىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بۇلغارىيە بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.

  رادف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلغارىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ستراتىگىيىلىك شىرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، « بىر بەلباغ، بىر يول » نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى قوللايدۇ.

  چېن جۇ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  بۇلغارىيە زۇڭتۇڭى رادېف تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ،خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلدىم.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ