خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7- چېسلا چارلىس مىشېلغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلام ئالاقىسى قويۇق، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول، ئادىمىيەت ئالاقىسى جانلىق ۋە تەسىرلىك بولۇپ، دۇنيا ئىشلىرىدا ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش مول ئۈنۈمگە ئېرىشتى. جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىگىمۇ پايدىلىق. جۇڭگو ياۋروپانىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىشىنى قوللايدۇ. مەن جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ھەمدە رەئىس مىشېل بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو ۋە ياۋروپانىڭ تىنچلىق، ئېشىش، ئىسلاھات ۋە مەدەنىيەتتىن ئىبارەت تۆت چوڭ جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا خەلقىگە بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ تېلېگرامما ئەۋەتىپ مىشېلنى تەبرىكلىدى. لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ياۋروپا بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، نۆۋەتتىكى جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ