مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ

2019.07.10 11:47 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشكىلىي قۇرۇلمىنى قايتا قۇرۇشنى تاماملاش، ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى تەڭشەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا« سىرتقى» جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەقىقىي بۇرۇلۇش ياساش كېرەك، ئۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ھەر بىر كونكرېت خىزمەتتە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك .

  بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپپارات ئىسلاھاتى ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىگە قارىتا يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، چوقۇم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئومۇمىيەت ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزۈش، ئومۇمىيەت ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى ياخشى، ئىمكان قەدەر ياخشى ئادا قىلىش كېرەك .

  يېزا ئىگىلىكى يېزا مىنىستىرلىقى ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لۇ گۈيمىن مۇنداق دېدى: مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا 800 مىليون مو، 2022 - يىلى 1 مىليارد مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشى نىشان ۋەزىپىسىنىڭ تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنىڭ ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ .

  تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مېن شياۋيىڭ مۇنداق دېدى: تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى يېڭى قۇرۇلغان تارماق بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىزمەت ۋەزىپىسى مۇرەككەپ ۋە مۈشكۈل، بىز مەركەزنىڭ تەلىپىنى ھەر بىر كونكرېت خىزمەتتە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئىمكان قەدەر تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىمىز .

  دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى كادىرلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى خاۋ جۈنخۇي مۇنداق دېدى: ھازىر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بارلىق باج كادىرلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە ئاتلىنىپ، دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئاپپاراتلىرى قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىنكى «ئىش، ئادەم، كۈچ، كۆڭۈل»نى مۇجەسسەملەشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئىشلىرى ئەزاسى، كادىرلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لېڭ چىياڭتيەن مۇنداق دېدى: تەشكىلات تارماقلىرى پارتكومنىڭ مۇھىم فۇنكسىيەلىك تارمىقى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشلامچىلىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى ياخشى تاللاش، بەنزە سەپلەش، قوشۇن قۇرۇش قاتارلىق مۇھىم فۇنكسىيەلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك . شەندۇڭ چىڭداۋ شەھىرى لىساڭ رايونلۇق پارتكوم ئىشتات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋېي گۇيدې مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز؛كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى پائال پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يوشۇرۇن كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىمىز.

  بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان « ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش » باش تېمىلىق تەربىيەگە بىرلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەيمىز .

  دۆلەتلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەتلىك سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىشتىكى باش قاتۇرىدىغان، تىت - تىت بولىدىغان ئىشلارنى نىشانلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ،ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ،خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ .

  دۆلەتلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: دۆلەتلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،داۋالاش كاپالىتى تۈزۈمىنى بىرىكتۈرۈشنى تېزلىتىپ،سىياسەت سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ،داۋالاش كاپالىتى مۇندەرىجىسىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەش ۋە ياخشىلاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، دۆلەتنىڭ دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .

  خۇنەن ئۆلكىسى شاۋياڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت- ساياھەت رادىيو -تېلېۋىزىيە تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ يىڭمېي مۇنداق دېدى: ۋىلايەت دەرىجىلىك ئىسلاھاتقا چېتىشلىق مەدەنىيەت- ساياھەت تارمىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مەدەنىيەت - ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچ چىقىرىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئەلا مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ