پۇتىن: تاشقى كۈچلەرنىڭ ۋنېسۇئىللا ۋەزىيتىگەئارىلىشىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 7-ئاينىڭ 11 -كۈنى مۇنداق دېدى : سىرتنىڭ ۋېنېسۇئېلا ۋەزىيىتىگە بولغان ئارىلىشىش قىلمىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. كىرېمىل سارىيى تور بېكىتىنىڭ 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، پۇتىن بىلەن بولىۋىيە زۇڭتۇڭى مورالېس شۇ كۈنى موسكۋادا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. پۇتىن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېگەن : رۇسىيە تەرەپ باشتىن - ئاخىر، سىرتنىڭ ۋېنېسۇئېلا ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىش قىلمىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ دەپ ھېسابلاپ كەلدى، مورالېسمۇ ئوخشاش قاراشتا بولدى. نۆۋەتتە، ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر نۇرۋىگىيەنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن سۆھبەتنى قايتا باشلىدى، رۇسىيە بىلەن بولىۋىيە ھۆكۈمىتى ۋېنسۇئىللا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەر قوبۇل قىلالايدىغان لايىھەنى تېپىپ، ۋېنسۇئىللا ۋەزىيىتىنى نورماللاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ