ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 7-ئاينىڭ 12 -كۈنى جۇڭگو سۇنغان « تەرەققىيات بارلىق كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشقا تۆھپە قوشىدۇ » دېگەن قارارنى ماقۇللىدى. بۇ جۇڭگونىڭ 2017 - يىلى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۇ قارارنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىم بۇ مۇھىم قارارنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ئەڭ يېڭى ماقۇللانغان قاراردا تەرەققىياتنىڭ بارلىق كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشقا زور تۆھپە قوشقانلىقى ۋە خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، خەلق ئىچىدىن تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىزدىشى، خەلققە تايىنىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى، تەرەققىيات ئارقىلىق خەلققە بەخت - سائادەت يارىتىشى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى، نامراتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تۈگىتىش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى مۇراجىئەت قىلىندى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ