مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرىنى ۋاقتىنچە جازالىمايدىغان بولدى

2019.07.16 17:35 مەنبە: خەلق تورى

  ئامېرىكىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەد جاۋاد زەرىفىنى ۋاقتىنچە جازالىماسلىقنى ئويلاشقان. قەدىرلىك دوستلار، ئامېرىكىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەد جاۋاد زەرىفىنى ۋاقتىنچە جازالىماسلىقنى ئويلاشقان.

  بۇ قارار بىلەن ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ بۇندىن بۇرۇن ئېيتقانلىرى بىردەك بولمىدى. مالىيە مىنىستىرى سىتىفىن مۇنۇچىن 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكا ئاشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىدا زەرىفىنى جازالايدۇ دېگەن بولسىمۇ، بۇ گەپلەر ھازىرغىچە ئەمەلىيلەشمىدى.

  رېيتىر ئاگېنتلىقى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى خەۋەر مەنبەسى قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ زەرىفىنى جازالىشىغا پەقەت بىرلا قەدەم قالدى دېدى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىچىدە بۇندىن بۇرۇن بىر ئاخبارات ئارگىنالى تارقالغان بولۇپ، زەرىفىنى جازالاشنى جاكارلاش مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  ھالبۇكى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەمەلدار سوغۇققان پىكىر ئاخىرىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، ئامېرىكا ھازىرقى باسقۇچتا زەرىفىنى جازالاشنىڭ پايدىسى يوق دەپ قارىدى دېدى. بۇ ئەمەلدار دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايىك پومپىئو ئوخشاشلا جازالاشقا ۋاقتىنچە قارشى تۇردى دەپ ئاشكارىلىدى.

  زەرىفى كېلەر ھەپتە ئامېرىكىنىڭ نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنىغا بېرىپ، بىر مەيدان مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى مۇھاكىمە قىلماقچى ئىدى. رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، زەرىفى نيۇيوركقا بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ ۋىزىسىغا ئېرىشىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنىڭ سەپىرى ئوڭۇشلۇق بولسا، بۇ- ئامېرىكىنىڭ ئۇنى ۋاقتىنچە جازالىماسلىقىنىڭ يەنە بىر سىگنالى بولۇپ قالىدۇ دېيىلدى.

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئولتاگېس 7-ئاينىڭ 11-كۈنى تاراتقۇ مۇخبىرلىرىغا، ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى يەنىلا سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ دېدى. ئۇ ئامېرىكا «ئالدىنقى شەرت بولمىغان ئەھۋالدا» ئىران بىلەن سۆزلىشىشنى خالايدۇ دەپ قايتا تەكىتلىدى.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ئامېرىكا زەرىفىنى ۋاقتىنچە جازالىماي، كېيىنكى دىپلوماتىيە تېرىشچانلىقىغا بوشلۇق قالدۇرۇپ قويۇشنى قارار قىلدى دېيىلدى.

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 5-ئايدا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقتى، ئارقىدىن ئىرانغا قاراتقان جازانى ئەسلىگە كەلتۈردى ۋە ئېغىرلاتتى. زۇڭتۇڭ دونالد تىرامپ 6-ئاينىڭ 24-كۈنى مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى ئايەتۇللا ئەلى ھامىنىي ۋە نۇرغۇن ئالىي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى قارار قىلدى. بۇ-ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىراننىڭ ئالىى داھىيسىنى جازالاش ئوبيېكتى قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇنۇچىن شۇ كۈنى تىرامپ ماڭا ئاشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا زەرىفىنى جازالاش كۆرسەتمىسىنى بەردى دېدى.

  نۇرغۇن تاراتقۇلار مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ جازالاشنى ئالدىن ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق ئىككى ئوخشىمىغان ئەھۋال بار: بىرىنچىدىن، ئامېرىكا ئالدى بىلەن جازالاشنى ناھايىتى ئاز ھالدا ئالدىن ئۇقتۇرۇپ، جازالاش ئوبيېكىتلىرىنىڭ مۈلۈكىنى يۆتكىۋېتىشىدىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلدى؛ ئىككىنچىدىن، ئەگەر زەرىفىنى جازالىسا، ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى دىپلوماتىيە سۆزلىشىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش يولى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.

  «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 7-ئاينىڭ 4-كۈنى زەرىفىنىڭ بىر ئېلخېتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، زەرىفى مېنىڭ چەتئەلدە ھېچقانداق مۈلۈكۈم ياكى بانكا ھېساباتىم يوق، جازالاش ماڭا نىسبەتەن مەسىلە ئەمەس دېگەن.

  ئىران ئامېرىكىنىڭ ھامىنىي ۋە نۇرغۇن ھەربىي ئەمەلدارلارنى جازالىشى-ئامېرىكىنىڭ سۆزلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئويىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئىران بېسىمغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا ئامېرىكا بىلەن سۆزلەشمەيدۇ؛ ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئىراندىن كېلىشىمگە داۋاملىق ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىشى-ناھايىتى ھەجۋى ئىش دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ