مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ئالماشتى

2019.07.16 17:33 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 7-كۈنى بېلگىيەنىڭ باش ۋەزىرى مىچىلغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ياۋروپانىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تىنچلىق، ئاشۇرۇش، ئىسلاھات، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت تۆت چوڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. بۇ-جۇڭگونىڭ جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشتىكى پائال ئارزۇسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.

  بۇ يىل-ياۋروپانىڭ سىياسىي مۇنبىرىدىكى نۆۋەت ئالمىشىش يىلى. 5-ئايدا، ياۋروپا پارلامېنت سايلىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەر يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ نامزاتلىرىنى چۆرىدەپ زىچ ھەم جاپالىق كېڭىشىشنى قانات يايدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسىنى سايلاش نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارغا ئۇچۇرىدى. ئالدىنقى ھەپتىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى تۆت چوڭ خىزمەت ئورنىنىڭ نامزاتلىرى ئاخىرى ئاشكارىلاندى، يەنى بېلگىيەنىڭ باش ۋەزىرى مىچىل كېيىنكى نۆۋەتلىك ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتەيدىغان بولدى، گېرمانىيەنىڭ ئايال دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋون دىرايىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتەشكە كۆرسىتىلدى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ فىرانسىيەلىك لىدىرى لاگاردى ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۆتەيدىغان، ئىسپانىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى بورېللى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىللىكىنى ئۆتەيدىغان بولدى. گەرچە كېيىنكى ئۈچ خىزمەت ئورنىنى بەلگىلىك تەستىقلاش تەرتىپىدىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلسىمۇ، مەسىلەن: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىس نامزاتىنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاش لازىم بولسىمۇ، لېكىن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى رەھبەرلىك قۇرۇلمىسى ئاساسەن شەكىللىنىپ بولدى.

  نۆۋەتتە، ياۋروپانىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن خىرىسلار ئاز ئەمەس. بىر تەرەپتىن، مۇساپىرلار كىرىزىسى تېخى بېسىقمىدى، نارودنىك سىياسىي كۈچلەر ئومۇميۈزلۈك باش كۆتۈردى، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى تېخىچە ھەل بولمىدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپا ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كەلدى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپنىڭ رىقابەت كۈچى سەل تۆۋەنلىدى، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا تالاش-تارتىشى يەنىلا قاتمال ھالەتتە تۇرماقتا. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش-ئېنىقكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ مۇھىم دىپلوماتىيە يۆنىلىشبىرىنىڭ بىرى. جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشى ھەققىدە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر قەدەر ئۈمىدۋار كۆزلىمىدە بولۇشىنىڭ ئاساسى بار.

  ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە بولغان ئۈمىدۋار پوزىتسىيە-ئىككى تەرەپ ئورتاق مەنپەئەتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىنىڭ رېئال ئاساسىغا بەرپا قىلىنغان. بۇ يىل ئەتىيازدا، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، جۇڭگو زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئارقا-ئارقىدىن ياۋروپادا زىيارەتتە بولدى، بۇنىڭ بىلەن، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى پەيتنى كۈتۈۋالدى. 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 21-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تىنچلىق، ئاشۇرۇش، ئىسلاھات، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت تۆت چوڭ شېرىكلىك مۇناسېۋىتىدەيېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ھەم 2020-يىلىدىن كېيىنكى ھەمكارلىق قارالمىسىنى بىرلىكتە ياخشى پىلانلاشنى قايتا تەكىتلىدى. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئالمىشىشى-جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىدا يېڭى قۇۋۋەتنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدىن ئۈمىد بار.

  كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، تىنچلىقنى قوغداش جەھەتتە، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا ئورتاق تەلەپ مەۋجۇت. دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىدىكى مۇھىم ئىككى ئىككى كۈچ سۈپىتىدە، بىر تەرەپچىلىك ۋە زومىگەرلىك باش كۆتۈرۈۋاتقان ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق، رايون ماجىرالىرى ۋە توقۇنۇشىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللايدۇ. نۆۋەتتە، ئىراننىڭ يادرو كىرىزىسى داۋاملىق ئەۋج ئالماقتا، جۇڭگو ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى مەنپەئەتى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن قويۇق دىپلوماتىيە ئۇچرىشىشىنى ساقلاپ، كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

  ئاشۇرۇش ۋە ئىسلاھات ساھەسىدە، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ مەنپەئەتى ھازىر چوڭقۇر يۇغۇرۇلماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇدا 15 يىل جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولدى، جۇڭگو بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2-چوڭ سودا شېرىكى بولدى. ئامېرىكىنىڭ يەر شارى دائىرىسىدە قوزغىغان سودا سۈركىلىشى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ كۆپ تەرەپچىلىك ۋە قائىدە ئاساس قىلىنغان ئەركىن سودا تەرتىپىنى بىرلىكتە قوغداش زۆرۈرىيىتى بار. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى، ئىككى تەرەپ ھازىر جۇڭگو-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، 2020-يىلى يۇقىرى سەۋىيەلىك كئېلىشىم ھاسىل قىلىشقا كۈچ چىقارماقتا. بۇندىن باشقا، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەسىلىسى قاتارلىق ساھەلەردە، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى ئىسلاھ قىلىش قارالمىسىدىكى سۆزلىشىشنى كۈچەيتىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  نۆۋەتتە، دۇنيا يۈز يىلدىمۇ بىر ئۇچرىمايدىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ مەنپەئەتىدىكى گىرەلىشىش نۇقتىلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە. جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن بىرلىكتە تېرىشىپ، كەلگۈسى بەش يىلدا، جۇڭگو-ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ تورتىنى زورايتىش-ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشىگىمۇ پايدىلىق.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ