مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لىۋىيەدىكى داۋالغۇش ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش تەس

2019.07.16 17:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى يېقىندا يىغىن ئېچىپ، لىۋىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى ئاڭلىدى. يىغىندىن كېيىن خەۋپسىزلىك كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇساپىرلارنى يىغىۋېلىش ئورنىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەيىبلىدى، توقۇنۇشقان ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارىلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: لىۋىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى پەقەت سىياسىي لايىھە ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ توقۇنۇشنى پەسەيتىشنى جىددىي ئىلگىرىى سۈرۈشى ھەمدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشى زۆرۈر.

  تىرىپولىنىڭ شەرقىدىكى مۇساپىرلارنى يىغىۋېلىش ئورنى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەردە ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندە 53 ئادەم قازا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە بالا بولۇپ، 130 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى مىلمان جەنۋەدە مۇنداق دېدى: بۇ يىغىۋېلىش ئورنىدىكى 600 دىن ئارتۇق كۆچمەن ۋە مۇساپىر ئاز دېگەندە 17 دۆلەتتىن، ئاساسلىقى ئافرىقا دۆلەتىلىرىدىن كەلگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ لىۋىيە ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى سالام بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئاراا تەكشۈرۈشنى دەرھال قانات يايدۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  2011-يىلى كازافى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، لىۋىيە ۋەزىيىتىدە داۋاملىق داۋالغۇش بولدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن، لىۋىيەدىكى ھەرقايسى گۇرۇھلار 2015-يىلى 12- ئايدا، «لىۋىيە سىياسىي كېلىشىمى»نى ئىمزالاپ، بۆلگۈنچىلىك ۋەزىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنى ئورتاق قۇرۇشقا قوشۇلدى، لېكىن نۆۋەتتە ھەرقايسى گۇرۇھلار يەنىلا كېلىشىم بويىچە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلمىدى. ھازىر لىۋىيەدىكى نۇرغۇن رايونلار ھۆكۈمەتسىزلىك ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى چوڭ كۈچ تىركىشىۋاتىدۇ. لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنى قوللايدىغان قوراللىق كۈچلەر غەربىي قىسىمدىكى قىسمەن رايونلارنى كونترول قىلدى؛ خەلق قۇرۇلتىيى بولسا شەرقىي قىسىمدا ئايرىم ھۆكۈمەت قۇردى ھەمدە خافتار رەھبەرلىكىدىكى «مىللىي ئارمىيە» بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، شەرقىي قىسىم ۋە ئوتتۇرا قىسىم، جەنۇبىي قىسىمدىكى ئاساسلىق شەھەرلەر ۋە قىسمەن غەربىي قىسىمدىكى شەھەرلەرنى كونترول قىلدى.

  بۇ يىل 4 - ئايدىن بۇيان، «مىللىي ئارمىيە» مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى تىرىپولىغا ھۇجۇم قوزغىدى ھەمدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك قوراللىق توقۇنۇش پارتىلىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك توقۇنۇشتا 1000 غا يېقىن ئادەم قازا قىلغان، 5000 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان، تەخمىنەن 100 مىڭ ئادەم ماكانسىز قالغان. شۇ جايدىكى بىر سىياسىي تەھلىلچى مۇنداق دېدى: توقۇنۇشنىڭ داۋامپىشىشىداۋالاش ۋە يېمەكلىك ياردىمى تىرانسپورتىغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، توقۇنۇشقان تەرەپلەر « ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش» كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، ئالاقىدار ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  خەۋپسىزلىك كېڭىشى باياناتىدا يەنە بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ لىۋىيەگە قارىتىلغان قورال ئىمبارگوسىگە ئەمەل قىلىپ، توقۇنۇشقا ئارىلاشماسلىق ياكى توقۇنۇشنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدىغان ھەرىكەتلەرنى قوللانماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇترىس بۇنىڭدىن ئىلگىرى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ لىۋىيەگە قورال ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈپ، توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: رايون سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى لىۋىيە ۋەزىيىتىدىكى قاتماللىقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يىل 4-ئاينىڭ بېشىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك توقۇنۇش پارتلىغاندىن بۇيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋىيە مەسىلىسى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم بىردەك بايانات ماقۇللىغان. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ لىۋىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا بىر قەدەر چوڭ ئىختىلاپ بولغانلىقتىن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ لىۋىيەدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك توقۇنۇشقا تاقابىل تۇرۇش مەيدانىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى تەسكە چۈشكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ