مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

20دۆلەت گورۇھى مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركەز بانكىسىنىڭ باشلىقلىرى يىغىنىدا يەر شارى خارەكتېرلىك خېيىم خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى

2019.06.11 15:50 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركەز بانكىسىنىڭ باشلىقلىرى يىغىنى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ياپونىيەنىڭ فۇكۇئۇكا شەھىرىدە يېپىلدى. يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان مىنىستىرلار باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا ئىقتىسادى چېكىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپ-خەتەرگە ماسلشىپ تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى. باياناتتا مۆلچەرلىنىشچە: دۇنيا ئىقتىسادى بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن كېلەر يىلى مۇقىم ئاشىدىكەن. بىراق، باياناتتا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۇنيا ئىقتىسادى يەنىلا چېكىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە، بولۇپمۇ سودا خەۋپ-خەتىرى ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي خەۋپ-خەتىرى يەنىلا زورايماقتا. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: 20 دۆلەت گۇرۇھى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش خەۋپ-خەتىرىگە داۋاملىق تاقابىل تۇرىدۇ ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرىكەت قوللىنىشقا تەييارلىق قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ