باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران رۇسىيە بىلەن يادرو يېقىلغۇسىنى بىرلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش «يول خەرىتىسى»دە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى

2017.02.27 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سالىھ 25- فېۋرال، ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ يادرو يېقىلغۇسىنى بىرلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش «يول خەرىتىسى»دە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىران ئوقۇغۇچىلار ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ كۈنى سالىھنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، كۆپ قېتىم مەسلىھەتلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، ئىران بىلەن رۇسىيە يادرو يېقىلغۇسىنى بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش بويىچە دەسلەپكى كېلىشىم ھاسىل قىلغان ھەمدە ھەمكارلىق لىنىيە خەرىتىسىنى ئىمزالغان. سالىھ «ئىران بۇ جەھەتتە رۇسىيە تەرەپنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج» دېگەن.

  سالىھ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئىران ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ قازاقىستاندىن 950 توننا يادرو سانائەت خام ئەشياسى بولغان ئۇران «سېرىق قوتۇرماچ» ئىمپورت قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالدىنقى ئىككى يىلدا، ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ 650 توننا ئىمپورت قىلىدۇ، ئۈچىنچى يىلى 300 توننا ئىمپورت قىلىدۇ.

  «سېرىق قوتۇرماچ»نى يادرو رېئاكتورىغا بىۋاسىتە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، لېكىن قۇيۇقلاندۇرۇلغان ئۇران ئايرىۋېلىشقا بولىدىغان بولۇپ، يادرو يېقىلغۇسى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا زۆرۈر بولغان بىر خىل ئارىلىق ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر