- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلارنى داۋاملىق بومباردىمان قىلدى
2016.03.21 12:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى ھەرىكەت باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رۇتسكوي 18-مارت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەدىكى ئىسلام دۆلىتى قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلدى. ھازىر رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى كۈنلۈكى 20-25 ئايروپىلان قېتىم ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، بارمىلا رايونىدىكى ئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ۋە بىتچىت قىلىش شەرتىنى ھازىرلىدى؛ سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىمۇ نۇرغۇن ئېگىزلىكلەر ۋە ئاساسلىق يوللارنى كونترول قىلىپ، تېررورچىلارنىڭ ئوق-دورا ۋە ئەشيا تەمىناتىنى ئۈزىۋەتتى.
ئۆتكەن يىلى 30-سىنتەبىردە رۇسىيە ئارمىيەسى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن سۈرىيەدىكى ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىنىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 14-مارت: 15-مارتتىن ئېتىبارەن سۈرىيەدىن ئاساسلىق كۈچلىرىنى چېكىندۈرۈش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر