خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگرامىسى: 17 -مارت، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن گامبىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى گەييى بېيجىڭدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن گامبىيە ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى بىرلەشمە ئاخباراتى»نى ئىمزالىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى شۇ كۈندىن باشلاپ ئەسلىگە كەلدى.
ئاخباراتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئارزۇسىغا ئاساسەن، «ب د ت نىزامنامىسى» نىڭ ئاساسىي مەقسىتى، پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا قانۇن نىزامى ئاساسىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە-ھامكارلىق مۇناسىۋىتىنى يولغا قويۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزىدۇ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىمزالىغان كۈندىن باشلاپ باش ئەلچە دەرىجىلىك دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلدى ھەم قارار قىلدى. گامبىيە ھۆكۈمىتى دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بارلىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكى، تەيۋەننىڭ جۇڭگو تۇپرىقىنىڭ ئايرىلماش بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى