باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن فەيىسبۇك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى زۇكېربېرگ بىلەن كۆرۈشتى

2016.03.21 12:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن تۈنۈگۈن بېيجىڭدا فەيىسبۇك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى زۇكېربېرگ بىلەن كۆرۈشتى.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: ئىنتېرنېت-ئىنسانلارنىڭ ئورتاق يېڭى ماكانى، تور بوشلۇقىنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش-خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يەر شارى ئىنتېرنېت تەرەققىياتىنى تەرتىپكە سېلىش ھەققىدىكى تۆت پىرىنسىپ، بەش تەشەببۇسى كەڭ دائىرىلىك ئالقىشقا ئېرىشتى. جۇڭگودا ئىنتېرنېت 20 نەچچە يىللىق تەرەققىياتنى بېسىپ ئۆتۈپ، جۇڭگوچە تەرەققىياتنى تەرتىپكە سېلىش يولىدا ماڭدى. فەيىسبۇك ئىلغار تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا ئىگە، مەن فەيىسبۇكنىڭ جۇڭگو ئىنتېرنېت كارخانىلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەجرىبىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئۆز ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتېرنېت تەرەققىيات مېۋىلىرى ئارقىلىق، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  زۇكېربېرگ جۇڭگونىڭ ئىنتېرنېت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ماختىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئىنتېرنېت چوڭ دۆلىتى، يەر شارى ئىنتېرنېت ساھەسىدە مۇھىم تەسىرگە ئىگە، بىز جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ، تېخىمۇ ياخشى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، ئىنتېرنېت ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا يارىتىشنى خالايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر