باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە ئۇچۇر سۇپىسى قۇمۇلدا يولغا قويۇلدى

2016.03.18 18:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى ئۇچۇر ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى 16 -مارت قۇمۇلدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتتۈرۈلدى. بۇ سۇپا يولغا قويۇلسا، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن توك تارقىتىش، ئوت ئېلېكتىر توك تورى تۈرى ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسى ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش قاتارلىقلار ئۇچۇرلاشتۇرۇلۇپ باشقۇرۇلىدۇ. قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ھەر خىل ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ تارقىلىشى، كەسىپ پىلانىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى، قۇرۇلۇش تەرەققىيات سۈرئىتى ۋە ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈرۈش، كۆزىتىپ تەھلىل قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئاسانلىشىپ، دۆلەت ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئېنېرگىيە مەسئۇل تارماقلىرى، ئېلېكتىر تورى باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ھەر قايسى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئېچىش، ئۈسكۈنە ياساش كارخانىلىرىنى چوڭ سانلىق مەلۇمات مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  قۇمۇل شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقى مول. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز ھەتتا يەر شارى بويىچە تۇنجى چوڭ تىپتىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ۋە ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى:ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر