باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاتامانى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلدى

2015.12.28 12:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى 25-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى كۈچ «ئىسلام ئارمىيەسى»نىڭ ئاتامانى ئارۇشنىڭ شۇ كۈنى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ پايتەخت دەمەشقنىڭ گۇتادون رايونىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پارتلاپ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. «ئىسلام ئارمىيەسى» گۇتادون رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى گۇرۇھ. «ئىسلام ئارمىيەسى»نىڭ خەۋەردار ئەربابى مۇنداق دېدى: ئارمىيەمىز ئارۇشنىڭ ۋارىسىنى تاللاپ بولدى، ئارۇش 44 ياشقا كىرگەن ئىكەن، ئۇ ياش ۋاقتىدا ئاتىسىغا ئەگىشىپ سۇرىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىدا دىندىن دەرس ئالغان، 2009-يىلى ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغاچقا قاماپ قويۇلغان، ئارقىدىن 2011-يىلى سۇرىيەدە كىرىزىس پارتلاشنىڭ دەسلىپىدىكى سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ كەچۈرىمىدە قويۇپ بېرىلگەن. ئارۇش ئارقىدىن قويۇق دىنى تۈسكە ئىگە بولغان ئۆكتىچى قوراللىق كۈچ «ئىسلام ئارمىيەسى»نى تەشكىللەپ، ئۇزۇن يىل گۇتادوندا ھەرىكەت قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر