باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگودىكى تۇنجى رېئال تەسۋىر تۈرىدىكى پۇتبول تېما قىلىنغان كارتون فىلىم پات ئارىدا قويۇلىدۇ

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەنگەن كارتون فىلىم « پۇتبول ئەزىمەتلىرى » يېڭى يىلدىن كېيىنكى قويۇلىدۇ

2015.12.28 12:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭدىكى شىركەت ئىشلىگەن، ئاپتونوم رايونىمىز ياشلار ئۆسمۈرلەر پوتبول ھەرىكىتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن كارتون فىلىم « پۇتبول ئەزىمەتلىرى » يېڭى يىلدىن كېيىن تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 25- دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ تەڭرىتاغ تەسۋىرى مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 12مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ ئىشلىگەن 104قىسىملىق كارتون فىلىم « پۇتبول ئەزىمەتلىرى »نىڭ بىرىنچى بۆلۈمى (1-26-قىسىم ) ئىشلىنىپ بولغان بۇلۇپ، يېڭى يىلدىن كېيىن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسسى ئۆسمۈرلەر قانىلىدا كۆرسىتىلىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، « پۇتبول ئەزىمەتلىرى »نىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى (27-52- قىسىم ) جىددىي ئىشلىنىۋاتقان بۇلۇپ، 2016-يىللىق قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە تىيەنجىن تېلىۋىزىيە ئىستانسسى ۋە شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسسىدا ئىككى بۆلۈمى ئۇلاپ كۆرسىتىلىدىكەن.

  « پۇتبول ئەزىمەتلىرى »دە چېكىنمە بايان ئۇسۇلى بىلەن خوتەن ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى شىنجاڭغا ۋەكىل بولۇپ، خەلقئارادىكى كۈچلۈك كوماندا ئارزۇ باشلانغۇچ مەكتىپى يىلپىز كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بارغان بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسىنى مۇقەددىمە قىلىش ئارقىلىق، باش قەھرىمان ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئالىمجان بىلەن خەنزۇ ئۆسمۈرجاۋ لې لېنىڭ بىر قېتىملىق ئۇقۇشماسلىق ئارقىلىق تونۇشىشى، خوتەندىكى داڭلىق پۇتبول ترېنېرى جۈرئەتنىڭ تاسادىپىي ھالدا ئۇلارغا كۆزى چۈشكەنلىكى، ھەر ئىككىلىسىنىڭ خوتەن ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغانلىقى، ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدا زىددىيىتى بار « كىچىك رەقىبلەر » دىن ياخشى دوست، ياخشى ئاكا - ئۇكىلارغا ئايلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز كوماندىسىنى يېتەكلەپ چېمپىيون بولغانلىقى ھىكايە قىلىنغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر