باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستان زوڭلىسىنىڭ پاكىستاننى «تۇيۇقسىز» زىيارەت قىلىشى ئاكتىپ سېگنال تارقاتتى

2015.12.28 12:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستان زوڭلىسى مودى 25-دېكابىر ئاففانىستاندىن قايتىش يولىدا تۇيۇقسىز پاكىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەت جامائەتچىلىكىنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى، نۇرغۇن تاراتقۇلار خەۋەر ماۋزۇسىدا «ھاڭ تاڭ قېلىش» دېگەن سۆزنى ئىشلەتتى. بۇ ھەم ھىندىستان زوڭلىسىنىڭ 2004-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پاكىستاندا زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ قالدى.

  25-دېكابىر پاكىستان دۆلەت ئاتىسى جىنناھ تۇغۇلغان خاتېرە كۈن، ھەمدە پاكىستان زوڭلىسى شېرىفنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. مودى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن پاكىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى لاھور شەھىرىگە يېتىپ باردى، شېرىف ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. مودى شېرىفنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلىدى ھەمدە شېرىفنىڭ نەۋرە قىزىنىڭ تويىغا قاتناشتى، ئارقىدىن ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر