- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيە يېڭى ھۆكۈمىتى پارلامېنتتا ئىشىنىش ئاۋازىغا ئېرىشتى
2015.12.02 09:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلى رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيە يېڭى ھۆكۈمىتى 30- نويابىر كەچتە ئەنقەرەدە پارلامېنتىنىڭ ئىشىنىش ئاۋازىغا ئېرىشتى.
داۋۇت ئوغلى رەھبەرلىكىدىكى ھەققانىي ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 11- ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان. تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 17- نويابىر داۋۇت ئوغلىغا يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش ھوقۇقىنى بەرگەن، ھەمدە 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 24 كىشىدىن تەشكىللەنگەن يېڭى كابىنېت ئىسىملىكىنى تەستىقلىغان.
تۈركىيە ئاساسى قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، يېڭى ھۆكۈمەت پارلامېنت سايلىمىدىن كىيىنكى 45 كۈن ئىچىدە تەشكىللىنىدۇ. بولمىسا يەنە بىر قېتىم پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەمدە سايلام نەتىجىسىگە ئاساسەن يېڭى كابىنېت تەشكىللىنىدۇ .
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر