باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىلىپپىن تاراتقۇلىرى: ئاكىنو ئۈچىنچىنىڭ ئوت بىلەن ئوينىشىپ ئۆزىنى يارىلاندۇرماسلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

2015.06.05 16:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىلىپپىن زۇڭتۇڭى ئاكىنو ئۈچىنچى يېقىندا ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغاندا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ھەققىدە بىمەنە سۆزلەرنى قىلدى، فىلىپپىن تاراتقۇلىرى تۈنۈگۈن ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئاكىنو ئۈچىنچى ئەقلى ھوشىنى يىغىۋېلىشى، ئوت بىلەن ئوينىشىپ ئۆزىنى يارىلاندۇرۇۋالماسلىقى كېرەك دەپ ئاگاھلاندۇردى.

  فىلىپپىندا چىقىدىغان مانىلا گېزىتىدە تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى: ئاكىنو ئۈچىنچى ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغاندا نۇتۇق سۆزلەپ، تالاش تارتىش بولۇۋاتقان جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، ۋەزىيەتنى يەنە بىر قېتىم قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. جۇڭگوغا ئوچۇق ئاشكارا قىلىنغان بۇ خىل ئېغىۋارگەرچىلىكنىڭ قىلچىلىق زۆرۈرىيىتى يوق، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق قايسى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىماقچى بولۇۋاتقانلىقىمۇ ئېنىق ئەمەس.

  ئوبزوردا ئاكىنو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوت بىلەن ئوينىشىپ ئۆزىنى يارىلاندۇرۇۋالماسلىقى ئاگاھلاندۇرۇلدى. ئەجەبا فىلىپپىن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ تالاش تارتىش بولۇۋاتقان زېمىن ماجىراسى تۈپەيلى بىر مەيدان ئۇرۇش قىلىشىنى ئۈمىد قىلامدىغاندۇ؟


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر