باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ شياڭگاڭنىڭ ئومۇمىي سايلىمىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ

2015.06.05 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى بۈگۈن «شياڭگاڭنىڭ ئومۇمىي سايلىمىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش-مەركەزنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس مەيدانى» دېگەن ئوبزورچى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت يېقىندا باش مەمۇرنى ئومۇميۈزلۈك سايلاش قانۇن لايىھەسىنىڭ 17-ئىيۇن قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ قاراپ چىقىپ ئاۋاز بېرىشىگە سۇنۇلىدىغانلىقىنى رەسمىي ھالدا ئالدىن ئۇقتۇردى، بۇ-2017-يىللىق باش مەمۇر ئومۇمىي سايلىمى نىشان تەرتىپىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت سۇنغان قانۇن لايىھەسىدە، نېگىزلىك قانۇن ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار قارارى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىگە، شياڭگاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىنىڭ مەنپەئەتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، تەڭپۇڭ قاتنىشىش پىرىنسىپى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، نۇرغۇن شياڭگاڭ ئاھالىسىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشتى، بۇ-باش مەمۇرنى ئومۇميۈزلۈك سايلاشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولدى. مەركەز ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان ئومۇمىي سايلام قانۇن لايىھەسىنى قەتئىي قوللايدۇ، شياڭگاڭنىڭ ھەر ساھەسىنىڭ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇمىي سايلامنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭدىكى بەش مىليوندىن ئارتۇق سالاھىيەتلىك سايلىغۇچىنىڭ بىر ئادەم بىر ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى بىلەن باش مەمۇرنى تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە سايلاپ چىقىشىنى چىن قەلبىدىن ئۈمىد قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر