باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر سوت مەھكىمىسى مۇبارەكنىڭ نامايىشچىلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىنى قايتىدىن سوراق قىلىدۇ

2015.06.05 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر ھۆكۈمەت تەرەپ ئاگېنتلىقى ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىر ئالىي نارازىلىق سوت مەھكىمىسى تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ مۇبارەك نامايىشچىلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىدا گۇناھسىز دېگەن ھۆكۈم ئۈستىدىن سۇنغان نارازىلىق ئەرزىنى قوبۇل قىلدۇق، 5-نويابىر بۇ دېلوغا قايتىدىن قاراپ چىقىمىز دەپ جاكارلىغان.

  بۇ قېتىم بۇ دېلونىڭ ئىككىنچى قېتىم قايتىدىن قاراپ چىقىلىشى شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى رەت قايتىدىن قاراپ چىقىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىسىر قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، بۇ ھۆكۈم نەتىجىسى چىقىرىلغاندىن كېيىن قايتىدىن يۇقىرىغا ئەرز سۇنۇشقا بولمايدۇ.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: مەزكۇر سوت مەھكىمىسى سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل قاتارلىق دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ گۇناھسىزلىقى توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر