باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى جامائەت فوندىنى ئېلىشنىڭ توققۇز تۈرلۈك رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇردى

2015.06.08 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ8 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈندىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پېنسىيىگە چىققان ئىشچى - خىزمەتچىلەر جامائەت فوندىسىنى ئالغاندا « پېنسىيىگە چىققان گۇۋاھنامە»سىنى تەمىنلىمىسىمۇ بولىدۇ.

  5-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مەركەز 9 تۈرلۈك رەسمىيەتنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى يولغان قويۇپ، ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ جامائەت فوندىسىنى ئېلىشىغا تېخىمۇ قولايلىق ياراتتى.

  ئىگىلىنىشچە، 2015 – يىلىدىن بۇيان، ئۈرۈمچى تۇرالغۇ جامائەت فوندى سىياسىتى كۆپ قېتىم تەڭشەلگەن. ئەڭ يۇقىرى قەرز پۇل سوممىسى 400 مىڭ يۈەندىن 500مىڭ يۈەنگىچە تەڭشەش، سودا قەرز پۇلى تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلى كەسپىگە ئالماشتۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قەرز ئۆسۈمىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۆي سېتىۋېلىش سىياسىتىنى يولغان قويغان، بۇ قېتىمقى رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش سىياسىتى ئىشچى– خىزمەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىپلا قالماي تۇرالغۇ ئىستىمالىنى ئىلگىرى سۈرشتىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر