باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تېررورلۇق ھۇجۇمى يەمەندىكى مەزھەپلەر توقۇنۇشى ۋە ئىچكى ئۇرۇش خەۋپىنى كۈچەيتىۋەتتى

2015.03.31 17:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندىن بۇيان يەمەندە كەينى – كەينىدىن ئەڭ ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى، تۆت قېتىملىق مەسچىت ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 137 كىشى قازا قىلىپ، 350 كىشى يارىلاندى. ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى شۇ كۈنى كەچتە ھۇجۇم ۋەقەسى تۇغدۇرغانلىقىنى جاكارلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىردەك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

  تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، يەمەندە يۈز بەرگەن نەچچە يىللىق مالىمانچىلىق مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ تەسىر كۈچىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن، بۇنىڭدىن شەكىللەنگەن غايەت زور ھوقۇق بوشلۇقى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى مەۋجۇت بولۇش تۇپرىقىغا ئىگە قىلىپ، مەزھەپلەر توقۇنۇشى، ھەتتا ئىچكى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

  غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا رايونىدا 2011 – يىلى ئىنقىلاب دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، يەمەنمۇ مۇشۇ دولقۇنغا كىرىپ قالدى. 2012 – يىلى يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، يەمەندىكى سىياسىي پارتىيەلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن سىياسىي يارىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىلگىرىكى ھاكىمىيەت، قەبىلە قوراللىقلىرى ۋە بۆلگۈنچىلەرنى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، دۆلەتنى تەرەققىيات يولىغا قايتىدىن باشلاشنى ئۈمىد قىلدى. بىراق، ئىشلار ئويلىغاندەك بولماي، ئۈچ يىللىق تىنچلىق سۆھبىتىدىن كېيىن، يەمەن ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى.

  يەمەننىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى ھەسەن ۋارىس مۇنداق دېدى: ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى يەمەننىڭ ئىچكى داۋالغۇشىدىن پايدىلىنىپ، مەزھەپلەر توقۇنۇشى پەيدا قىلىش ئارقىلىق، يەمەندىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنماقتا.

  ھەسەن ۋارىس مۇنداق دېدى: 20 – مارت كەينى – كەينىدىن يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەلىرى ھۈسەيىن تەشكىلاتىغا قارىتىلغان بولۇپ، روشەنكى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىئەلەر بىلەن سۈننىيلەر ئارىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان.

  شىئەلەرنىڭ ھۈسەيىن قوراللىق تەشكىلاتى 2014 – يىلى 9 – ئايدا پايتەخت سانانىڭ تىزگىنلەش ھوقۇقىنى تارتىۋالدى ھەم جەنۇبتىكى ئۆلكىلەرگە كىرىش غەرىزىدە بولدى، بىراق، سۈننىيلەر قەبىلىسى ۋە شىئەلەرنى ئاساس قىلغان ‹‹بازا›› تەشكىلاتى ئەرەب يېرىم ئارىلى تارمىقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.

  يەمەن ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇسالام مۇھەممەد مۇنداق دېدى: يەمەن مەزھەپلەر توقۇنۇشى جەھەتتە ئىراقنىڭ ئىزىنى باسىدۇ. يەمەنلىكلەر كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەزھەپلەر توقۇنۇشىنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان، ھەرقانداق تەشكىلاتمۇ مەسچىتكە ھۇجۇم قىلىپ باقمىغان. قىسمەن تەشكىلاتلار يەمەن ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنى مەزھەپلەر توقۇنۇشىغا سۆرەپ كىرىش غەرىزىدە بولۇۋاتىدۇ.

  ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى ‹‹ئادەمبومبا›› ھۇجۇمى قوزغىغاندىن كېيىن، ‹‹بازا›› تەشكىلاتى ئەرەب يېرىم ئارىلى تارمىقى كەمدىن – كەم ئۇچرايدىغان بايانات ئېلان قىلىپ، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ مەسچىتكە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

  ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتى ئىراق ۋە سۇرىيەنىڭ كۆپلىگەن زېمىنىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىگە بويسۇنۇشىنى تەلەپ قىلىپ قارشىلىققا ئۇچرىدى. ‹‹بازا›› تەشكىلاتى ئەرەب يېرىم ئارىلى تارمىقىنىڭ بىر تارمىقى 2014 – يىلى 12 – ئايدا ‹‹بازا›› تەشكىلاتىدىن ئايرىلىپ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، دەل مۇشۇ تارماق 20 – مارت كەينى – كەينىدىن يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەلىرىنى سادىر قىلدى.

  قوراللىق توقۇنۇش داۋاملىشىۋاتقان ئەھۋالدا، يەمەندىكى مەزھەپلەرنىڭ زىددىيىتى ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك پارتلاش خەۋپىنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر