باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەدە نامراتلىق مەسىلىسى ئېغىرلىشىشقا باشلىدى

2015.03.31 17:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات كومىتىتى يېقىندا 2015-يىللىق جەمئىيەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرىنى ئېلان قىلغان. مۆلچەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى روسىيىلىكلەرنىڭ كىرىمى %9 ئازىيىپ كېتىدىكەن، %11 روسىيىلىك يەنى 16مىليون كىشى نامراتلار قاتارىغا كىرىپ كېتىدىكەن. ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى ئانتوللى بوبىچنىڭ قارىشىچە، ئەگەر روسىيە ئىقتىسادى نىفىت ۋە تەبىئىي گازغا تايىنىشتىن ئەمەلىي ئىقتىساد ۋە كىچىك كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۆزگەرسە ئۇ ھالدا بۇ نامراتلىقمۇ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق بولۇپ قالىدىكەن.

  روسىيە فىدىراتىپ ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى كىرىمى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن تۆۋەن بولغان كىشىلەرنىڭ سانى 15مىليون 500 مىڭ ئادەم بولۇپ يېڭى مۆلچەر بويىچە ھېسابلىغاندا بۇ سان بىر يىل ئىچىدە يەنە 600 مىڭ ئادەم كۆپىيىدىكەن. بوبىچنىڭ قارىشىچە بۇ تېخى ئەڭ ئۈمىدۋار مۆلچەر بولۇپ، ئەمەلدىكى كۆپىيىدىغان نامراتلار سانى بىر مىليونغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

  روسىيە دۆلەت ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي قانۇن ئىنىستىتۇتىنىڭ پىراففىسورى رودېرا ۋاشلانكوفنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەت بېكىتكەن نامراتلىق ئۆلچىمى خەلق ئەمەلىي نامرات دەپ قارايدىغان ئۆلچەمدىن تۆتتىن بىر نىسبەت تۆۋەن ئىكەن، بۇنداق بولغاندا روسىيىدىكى ئەمەلىي نامرات نوپۇس %30كە يېتىدىكەن. لېكىن ئۇلارنىڭ نامراتلىق ۋاقتى، دەرىجىىسى قاتارلىقلار ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئاز دېگەندە %4كىشى يەنى ئالتە مىليون ئادەم ئۇزۇن مەزگىللىك نامراتلىقتا تۇرۇۋېتىپتۇ.

  ئىقتىسادچىلارنىڭ قارىشىچە، رۇسىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ چۈشۈشىدىكى سەۋەبلەر كۆپ خىل بولۇپ، ماي باھاسىنى چۈشۈشى ۋە غەربنىڭ ئىقتىسادىي چەكلىشى قاتارلىقلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىكەن. بابىچنىڭ قارىشىچە، ئەمەلىي ئىقتىساد ئازراق قوزغىتىلسىلا جەمئىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىزمەت ئورنى ئېلىپ كېلىدىكەن، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقمۇ ۋاقىتلىق بولۇپ قالىدىكەن. كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشمۇ ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە خەلقنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر