باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشىدا ئەمەلىي ئۈنۈم بەردى

2015.03.26 09:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  70 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئاساسلىق ئىتتىپاقداشلار ۋە ئاسىيا، ياۋروپادىكى ئاساسلىق ئۇرۇش مەيدانى سۈپىتىدە، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر خەلقى بىلەن بىرلىكتە ياپونىيە مىلىتارىزمى ۋە گېرمانىيە فاشىستلىرىغا باتۇرانە زەربە بېرىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى قۇتقۇزۇش، خەلقئارانىڭ تىنچلىقىنى قايتا قۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشقان شۇنداقلا ئېغىر قۇربانلارنى بېرىپ، ئۆچمەس تارىخىي تۆھپىلەرنى ياراتقان. 70 يىلدىن كېيىنكى دۇنيا ئەندىزىسى ئۆزگەرگەن، ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، تارىخ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەدىن ئىبارەت دۇنيادىكى بۇ ئىككى چوڭ دۆلەت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بۇ ئىككى دۆلەت شۇنداقلا ئەڭ چوڭ قوشنا ئىككى دۆلەتكە يەنە بىر قېتىم مۇقەددەس مەجبۇرىيەت بېرىپ، ئىككى تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك چوڭ دۆلەتلىك مەجبۇرىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى ۋە دۇنيانىڭ ئادىللىق، ھەققانىيەت ئىشلىرىنى بىرلىكتە قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

  جۇڭگو بىلەن رۇسىيە-ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلەر. تارىخنى ئەسلىسەك، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە 20-ئەسىردىكى ئىنسانىيەتنىڭ ئۇرۇش ۋە تىنچلىق تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تەرەققىياتىنىڭ ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، باراۋەرلىكتە ئۆز ئارا ئىشىنىپ، ئۆز ئارا قوللىشىپ، ئورتاق گۈللىنىپ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئاساسىدا، 3-تەرەپ بىلەن ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، تىغ ئۇچىنى قاراتماسلىقتىن ئىبارەت يېڭىچە دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورناتتى ھەم بۇنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چوڭ دۆلەتلەر، قوشنا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈستىدە پايدىلىق ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  جۇڭگو بىلەن رۇسىيە-ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ تەشەببۇسچىلىرى. بىخەتەرلىك جەھەتتە، ئىككى تەرەپ ئورتاق بىخەتەرلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، كۈچ سىنىشىش، غەلىبە قىلغۇچى نەپ ئېلىشتەك سوغۇق مۇناسىۋەت تەپەككۇرىدىن ۋاز كېچىپ، ئورتاق، ھەر تەرەپلىمە، ھەمكارلىشىدىغان، سىجىل بىخەتەرلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش، باراۋەر كېڭىشىش، سىياسىي دىپلوماتىيە يولى بىلەن ئىختىلاپ ۋە ماجىرالارنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇردى. ئىقتىساد جەھەتتە، ئىككى تەرەپ ئورتاق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىشچان دۇنيا ئىقتىسادىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، تەرەققىي تاپقان ئەللەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىپ، تېخىمۇ باراۋەر، تەڭپۇڭ بولغان يېڭىچە يەر شارى تەرەققىيات شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى بىلەن ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزدى. مەدەنىيەت جەھەتتە، ئىككى تەرەپ كەڭ قورساق بولۇپ ئۆز ئارا ئەينەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىغىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، باشقىلارنى يەكلەشكە قارشى تۇرۇپ، مەدەنىيەت پەرقى ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، سۆزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇپ، ئىناق بىللە ياشاپ، ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە مىللەتلەر ئۆز ئارا ئۆگىنىپ ئەينەك قىلىشى كېرەك دەپ قاراپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە بىرلىكتە تۈرتكە بولدى.

  جۇڭگو بىلەن رۇسىيە-ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر. ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش-جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى شۇنداقلا جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە ئۆز ئارا ئېتىبار بېرىش ۋە ئويلىشىش پىرىنسىپى بويىچە، ئۆز ئارا چۈشىنىپ ۋە يول قويۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولدى. ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 1990-يىللارنىڭ بېشىدىكى نەچچە ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ ھازىر يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشتى، ئەنئەنىۋى ئۆتۈشمە بازار، مال ئالماشتۇرۇش سودىسىدىن بىرلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش، بىرلىكتە تەتقىق قىلىش، بىرلىكتە ئىشلىتىشكە تەرەققىي قىلدى. ئىككى دۆلەت ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، تەبىئىي گاز قاتارلىق ئېنېرگىيە ساھەلىرىدە زور بۆسۈش ياساپ، جۇڭگو-رۇسىيە شەرقىي لىنىيە تەبىئىي گازى ئەسىر توختامىنى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش، ئەمەلىي نەتىجىلەرگە تېخىمۇ كۈچ چىقاردى.

  جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش-ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشىدا ئەمەلىي ئۈنۈم بەردى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تېرىشىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشنى خەلقئارا مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلقئارا ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تۈپ سىياسەت يۈزلىنىشى قىلىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى، دۇنيانىڭ پۈتكۈل مەنپەئەتى، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات مەنپەئەتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى يېڭى ئۆزگىرىش ۋە تۈرلۈك تەھدىت، خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ، ئورتاق نەپ ئېلىپ، ھەر قايسى دۆلەت ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، يۈكسىلىشى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيىتى بار ھەم ئۇنىڭغا ئىقتىدارى يېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر