باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايىتى خەلقنى بېيىتىپ ئەمىن تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا مۇھىم نوقتىنى «دېھقان قۇرۇلۇش ئۇستىلىرى»نى تېخنىكا جەھەتتە تەربىيىلەشكە قاراتتى

2015.03.25 13:53         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل، ئاقسۇ ۋىلايىتى خەلقنى بېيىتىپ ئەمىن تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا مۇھىم نوقتىنى «دېھقان قۇرۇلۇش ئۇستىلىرى»نى تېخنىكا جەھەتتە تەربىيىلەشكە قارىتىپ، دېھقانلارنىڭ خەلقنى بېيىتىپ ئەمىن تاپقۇزۇش ئۆيلىرىنى سېلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى ئۆزلىرى سېلىشىغا تۈرتكە بولماقچى بولدى.

  ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسى قاتار ئۈجمە كەنتىدىكى ئىسكەندەر ئىسمايىل يىل بېشىدا ئىككى ئوغلىنى كەنتتە ئويۇشتۇرۇلغان قۇرۇلۇش ئۇستىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشتۇردى. ھازىر ئۇلار خەلقنى بېيىتىپ ئەمىن تاپقۇزۇش ئۆيىنى سېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ ئۆي سېلىشقا قاتنىشالايدىغان بولدى. ئىسكەندەر ئىسمايىل مۇنداق دېدى: ئىككى ئوغلۇم قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەيدۇ. بىر ئوغلۇم بىر يىلدا ئاز دېگەندىمۇ 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ، ئىككى ئوغلۇم بىر يىلدا ئۆيگە 20 مىڭ يۈەن ئېلىپ كىرىدۇ. بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ ئۆي سىلىش بىسىمىمىز يېنىكلەيدۇ، بۇنىڭدىن مەنمۇ بەك خوش بۇلىۋاتىمەن.

  خەلقنى بېيىتىپ ئەمىن تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى بويىچە سېلىنغان 80 كۇۋادىرات مېتىرلىق ئۆينىڭ قىممىتى 70 مىڭ يۈەن بۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت 30 مىڭ يۈەن تۇلۇقلىما بېرىدۇ. دېھقانلار ئۆزلىرى قالغان قىسمىنى جۇغلايدۇ. ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسى تېخنىكا جەھەتتە تەربىيىلەپ دېھقانلارنى قۇرۇلۇشقا قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆي سېلىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بىيىش يۇلىدا مېڭىشىدا بىر ماھارەتنى ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولدى. ئۇچتۇرپان ناھىيىسى ئاقتوقاي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ما جىشىياڭ مۇنداق دېدى: تامچىلارنى تەربىيىلەپ ئۇلارغا تېخنىكا ئىگىلەتكەندە، ئۇلارنىڭ بىر تەرەپتىن شۇ جاينىڭ ئۆزىدە پۇل تېپىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى ئۆزلىرى سېلىپ خاتىرجەم بۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىغا، يازلىق يىغىم ئىشلىرىغا دەخلى قىلمايدۇ» .

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلقنى بېيىتىپ ئەمىن تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋۇ شىنچېڭ مۇنداق دېدى: ۋىلايەتتىكى دېھقان ئىشچىلارنى تەربىيلەشتە ئاساسلىقى شۇ يېزا، شۇ كەنتتىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر تەربىيىلىنىدۇ. بۇنداق قىلغاندا، بىرىنچىدىن، دېھقانلارنى شۇ جاينىڭ ئۆزىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ. ئىككىنچىدىن، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ. ئاساسەن ھەر بىر ئۆيلۈك ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىشلەپ، ئۆزلىرىگە ئۆي سالالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر