باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى باشقا رايونلاردا داۋالىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانلاندى

2015.03.25 13:50         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى باشقا رايونلاردا داۋالىنىپ ھىسابات قىلىش تۈزۈمى ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى باشقا رايونلاردا داۋالىنىش بويىچە سىناق نوقتا خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 3 ئۆلكىنى كۆپەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى باشقا رايونلاردا داۋالىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئاھالىلەر ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى باشقا رايونلاردا بالنىستتا يېتىپ داۋالانسا، ئامبۇرىيىدە كېسەل كۆرۈنسە ياكى دورىخانىدىن دورا سېتىۋالسا، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە راسچوت قىلدۇرالايدىغان بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باش بۇغالتىرى ۋاڭ ۋېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا پەقەت ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ھەر يىلى باشقا رايونلاردا بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىدىغانلار 110 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، داۋالىنىش چىقىمى بىر مىليارد 100 مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولماقتا. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ باشقا رايونلاردا داۋالانغاندا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھىسابات قىلىشىغا قۇلايلىقلىق يارىتىپ بېرىپلا قالماستىن، «باشقا رايونلاردا راسچوت قىلىش»نى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ باشقا رايونلاردا داۋالىنىشىنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا «داۋالانغان ئورۇننىڭ ئۆزىگە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە راسچوت قىلىش ھوقوقى بېرىلگەن» ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، داۋالانغان ئورۇننىڭ ئۆزىدە شۇ ئورۇن ئۈستىگە ئالغان بۇ خىل مەسئۇلىيەت ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. بۇ يىلقى خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ مۇھىم نوقتىسى ـــ ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى باشقا رايونلاردا داالىنىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇن نوقتىسىدىن تەرتىپلىك يۆتكىلىپ داۋالىنىشنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

  ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى باشقا رايونلاردا داۋالىنىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل يەنە ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى باشقا رايوندا داۋالىنىش بويىچە سىناق نوقتا ئۆلكىلىرىنى كۆپەيتىدۇ. ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: بۇلتۇر بىز شەنشى ئۆلكىسى ۋە خەينەن ئۆلكىسى بىلەن ھەر ۋاقىت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئارقىلىق كارتا سۈركەپ ھىسابات قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۇ يىل يەنە ئۈچ ئۆلكىنى كۆپەيتىمىز. نۆۋەتتە شاڭخەي شەھىرىدە دەسلەپكى قەدەمدە مۇددىئانامە ئىمزالىدۇق. باشقا ئۆلكىلەر چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر