باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2015.03.19 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىندى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تېزلەشتۈرۈلدى، پورت خىزمىتىنىڭ سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئۆزگەرتىش بېكىتىلدى، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ۋە تاشقى سودىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى

  گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 18-مارت گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىندى؛ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تېزلەشتۈرۈلدى؛ پورت خىزمىتىنىڭ سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئۆزگەرتىش بېكىتىلدى، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ۋە تاشقى سودىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلققە بەرگەن ۋەدىسى. دۆلەت ئىچى، سىرتىنىڭ مۇرەككەپ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە قارىتا، تارماقلار، ئورۇنلار «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ تىرىشىپ ئىشلىشى كېرەك. يىغىندا بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ 12 تەرەپ 62 تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئورۇنلار بېكىتىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىرىنچى، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ كۈچ قوشۇپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇپ، پۇل سىياسىتى قورالىدىن جانلىق، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كارخانا ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەملىشىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ ئانالىز قىلىپ، زاپاس سىياسەت ۋە ئالدىن تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، يۆنىلىشلىك تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ۋاقتىدا ئالدىن، ئىنچىكە تەڭشەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاش كېرەك. ئىككىنچى، «قوش ماتور» يېتىشتۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك. ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، مالىيە، باج، پۇل-مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئىسلاھات يۆنىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئازايتىش، بوسۇغىنى تۆۋەنلىتىش، باجنى كېمەيتىپ ھەق ئېلىشنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش يولىدىكى توسالغۇسىنى تۈگىتىش كېرەك. جامائەت مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو غەربىي رايون تۆمۈر يولى، نۇقتىلىق سۇچىلىق، كەپىلىك رايون ۋە خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاشنى چۆرىدەپ، ئەسلىھەلەرنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى ۋە خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل، ھەقىقىي، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش كېرەك. تەكشۈرۈش، باھالاش ۋە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە بەرگەن ۋەدىسىنى نەقلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر