باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى يىغىن ئېچىپ «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»گە قاراپ چىقتى

گۇاڭدۇڭ، تيەنجىن، فۇجيەن، شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىغا ئالاقىدار لايىھە مۇزاكىرە قىلدى

2015.03.25 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 24-مارت تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى 24-مارت يىغىن ئېچىپ، «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»گە ۋە گۇاڭدۇڭ، تيەنجىن، فۇجيەن، شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى، شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھىسىگە قاراپ چىقىپ ئۇنى ماقۇللىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەنى كۈچەيتىش بىلەن يەرلىكتە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بويىچە ئالدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، قايتا پايدىلىنىشقا، ئومۇملاشتۇرۇشقا بولىدىغان ئۈنۈملۈك تەجرىبىگە ئىگە بولۇش كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە دەپ قاراپ، خىزمەتلەرنى چىڭ، پۇختا، ئەمەلىي تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى دەۋرىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، دۇنيانىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەر شارىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  مەنبە:خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر