باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدانى ئىسلاھاتى لايىھەسى» ۋە «دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدانى ئىسلاھاتى يېتەڭچى ئىدىيەسى»نى تارقاتتى

2015.03.18 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 17- مارت تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدانى ئىسلاھاتى لايىھەسى» ۋە «دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدانى ئىسلاھاتى يېتەڭچى ئىدىيەسى»نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلارنى ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدانى ئىسلاھاتى لايىھەسى
  ئورمان ۋە ئىكولوگىيەنى قوغداش ئىكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ نېگىزى، ئىكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك تۈزۈلمە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئورمان ۋە ئىكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش باش ۋەزىپە. دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدانى دۆلىتىمىزنىڭ ئىكولوگىيە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم كۈچ، دۆلەتنىڭ ئىكولوگىيەلىك بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى مۇھىم ئۇل ئەسلىھە بولۇپ، كەڭ كۆلەملىك ئورمان بەرپا قىلىپ يېشىللاشتۇرۇش ۋە ئورمان بايلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، دۆلەتنىڭ ئىكولوگىيەلىك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، خەلقنى ئىكولوگىيەلىك بەخت- سائادەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كېلىمات ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. لېكىن ئۇزاقتىن بۇيان، دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىقتىدارى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلمىدى، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلمىدى، تىجارەت تۈزۈلمىسى جانلىق بولمىدى، سىياسەت بىلەن قوللاش مۇكەممەللەشتۈرۈلمىدى، ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلدى. دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدانى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئورمانچىلق مەيدانىنىڭ ئىكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ لايىھە تۈزۈلدى.

  دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدانى ئىسلاھاتى يېتەكچى ئىدىيەسى
  ئورمان ۋە ئىكولوگىيەنى قوغداش ئىكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ نېگىزى، ئىكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك تۈزۈلمە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئورمان ۋە ئىكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش باش ۋەزىپە. دۆلەت ئورمان رايونى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئىكولوگىيەلىك بىخەتەرلىك توسىقى ۋە ئورمان يىتىشتۈرۈشتىكى ئىستىراتېگىيەلىك بازىسى، دۆلەت ئىكولوگىيەلىك بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى مۇھىم ئۇل ئەسلىھە بولۇپ، ئىقتىساد، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئىكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئويناپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىساد قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئۇزاقتىن بۇيان، دۆلەت ئورمان رايونىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى مۇكەممەللەشمەي، ئورمان بايلىقى زىيادە ئېچىلىپ، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى بىرقەدەر گەۋدىلىنىپ، ئىكولوگىيەلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچرىدى. دۆلەت ئورمان رايونى ئىسلاھاتى يولىدا پائال ئىزدىنىش، دۆلەت ئورمان رايونى تىجارىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئورمان رايونى ئىكولوگىيەلىك ئىقتىدارى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىچە پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر