باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەلبىي ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىق- «تامچە سۇ جامائەت پاراۋانلىقى» تەشكىلاتىنى قۇرغۇچىسى-قۇربان توختى

2015.03.25 13:51         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر چىلەك سوغۇق سۇنى ئادەمنىڭ بىشىدىن باشلاپ قۇيغاندا، كىشىدە بىردەملىك بىئاراملىق پەيدا قىلىدۇ خالاس. ئەمما تەدرىجىي قېتىپ قېلىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار ئۈچۈن، بۇ كېسەللىك بىر ئۆمۈر تارتىدىغان ناھايىتى ئازابلىق جەريان ھىساپلىنىدۇ. قۇربان توختى مۇز چىلەككە چىلىنىپ ئولتۇرۇپ تەدرىجىي قېتىپ قېلىۋاتقان ئادەمگە ئوخشاش بولۇپ، يول ماڭالمايدۇ ھەم گەپمۇ قىلالمايدۇ. ئەمما ئۇ بەدىنىدىكى بىردىنبىر ھەركەت قىلالايدىغان 3 تال بارمىقى ۋە مېھرى- مۇھەببىتى بىلەن مېھرى- شەپقەت يەتكۈزۈش جامائەت پاراۋانلىقى تەشكىلاتى بولغان «تامچە سۇ جامائەت پاراۋانلىقى» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مېھرى- مۇھەببىتى ئارقىلىق، نامرات شۇنداقلا مىيىپ كىشىلەرگە ئۈمىد ئاتا قىلدى.

  قۇربان بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بىر ياشقا توشمىغان چېغىدا، بىر قېتىملىق قىزىتمىسى ئۆرلەش سەۋەپلىك، ماڭالمايدىغان، گەپمۇ قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتكەندە، بالىنىڭ مېڭە قىسمىدىكى نېرۋىلىرى زەخمىلەنگەن بولۇپ، مىڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلاندى. 1998- يىلى، 14 ياشلىق قۇربان ئاچىسىنىڭ ياردىمىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك گاس- كاچىلار مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇدى. قۇربان بەك تىرىشچان بولۇپ، سىنىپ مەسئۇلى ئۇنىڭ سىنىپ بويىچە بىردىنبىر تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا تاپشۇرىدىغان ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى ھازىرغىچە ئېسىدىن چىقارمايتتى. قۇربان تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندە، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرستىگە ئىگە بولالمىدى.

  2011- يىلى، قۇربان بارا- بارا پۇتىنىڭ ئېگىلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقى، بەدىنىنىڭمۇ تەدرىجىي قېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. سىستىمىلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇسكۇل يىگىلەشتىن يۇلۇن يان خوردىسى قاتتىقلىشىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقى دەلىللەندى. ئۇ ھەم تەدرىجىي قېتىپ قېلىش كېسەللىكى دەپمۇ ئاتىلاتتى. شۇ يىلى 6- ئايدا، ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى قۇمۇلدىكى ئۆيىنى سېتىۋېتىپ، 200 نەچچە مىڭ يۈەن ئوپىراتسىيە ھەققىنى توپلىدى. قۇرباننىڭ مىڭە قىسمى ۋە يۈرىكىگە ئايرىم ھالدا كىچىك تىپتىكى قوزغاتقۇچ بىلەن سىجىل توك بىلەن تەمىنلەيدىغان باتارىيە ئورنىتىلدى. بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ مىڭە قىسمىدىكى نىرۋىلارنىڭ داۋاملىق يىگىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى. ئۇ پەقەت يان تېلېفۇن ۋە ھەرىكەت قىلالايدىغان ئۈچ بارمىقىغا تايىنىپ باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايتتى.

  قۇربان بالنىتسىدا ياتقان مەزگىلدە، يېنىدىكى كارىۋاتتا مىڭە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان بىر بالا بار ئىدى. ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇشقا 20 مىڭ يۈەن كەم بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ داۋالىنىشتىن ۋاز كەچكەنىدى. قۇربان بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارغا ئىچى ئاغرىدى ھەمدە ئۇنىڭغا پۇل ئىئانە قىلىپ ياردەم بەرمەكچى بولدى. 2014- يىلىنىڭ بېشىدا، قۇربان توختى 11 ئادەمدىن تەشكىللەنگەن «تامچە سۇ جامائەت پاراۋانلىقى» تەشكىلاتىنى قۇردى. ئەينى ۋاقىتتا، «تامچە سۇ جامائەت پاراۋانلىقى» تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى قۇربان ئائىلىسىدىكىلەر شۇنداقلا ئۇنىڭ قوشنا- قولۇم ۋە دوست- بۇرادەرلىرى ئىدى. تۇنجى قېتىم يىغىلغان ئىئانە پۇلى ئاران 400 يۈەن ئىدى. ئۇ ئاچىسىغا پۇلنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىكى ياردەم تەلەپ قىلغان بىر كېسەل بالىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلدى. 2014- يىلى، قۇربان تەكلىپ قىلىپ مۇز چىلەك رىقابىتىگە جەڭ ئېلان قىلدى. ئويۇشتۇرغۇچى تەرەپ ئۇنىڭغا 3 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى. قۇربان ھەممىسىنى «تامچە سۇ جامائەت پاراۋانلىقى » تەشكىلاتىغا ئىشلەتتى. 2014- يىلى 1- ئايدىن 2015- يىلى 2- ئايغىچە، «تامچە سۇ جامائەت پاراۋانلىقى » تەشكىلاتى نامرات ۋە مىيىپ كىشىلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتە 60 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل ئىئانە قىلدى. ئىئانە پۇلىنىڭ نىمىگە ئىشلىتىلگەنلىكىنى قۇربان تەپسىلىي خاتىرىلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تور پونكىتى قۇرۇپ، يېڭىلاش، ئاشكارىلاش پائالىيىتى ئويۇشتۇرۇپ كىرىم - چىقىم ئىشلىرىنى توردا ئېلان قىلدى. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولدى. ھازىر «تامچە سۇ جامائەت پاراۋانلىقى» تەشكىلاتى تەرەققىي قىلىپ كونكىرىت جامائەت پاراۋانلىقى تۈرلىرى بار بولغان ۋە 100دىن كۆپرەك ئەزاسى بار پاراۋانلىق تەشكىلاتىغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر