باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىرىنچى قارار تۇنجى تۈركۈمدىكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئورۇنلىشىپ بولدى تېلفۇن نۇمۇرى ۋە خەت ساندۇقى ئېلان قىلىندى

2015.03.25 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ25-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتى تەپتىش مەھكىمىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 20- مارت، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم بەشىنچى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بايىنغولىن ئوبلاستىدا خىزمەت يىغىنى ئاچتى. ھازىرغىچە، 2015- يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بىرىنچى قارار تۇنجى تۈركۈمدىكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئورۇنلىشىپ بولدى. 8 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىككى ئاي ۋاقىت ئىچىدە ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ 16 رايۇن،بۆلۈم، ئىدارىگە بولغان تەكشۈرۈشنى تاماملايدۇ.

  ئاپتۇنۇم رايونلۇق پارتكومىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، بۇيىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تۇنجى قارار تەكشۈرۈش قومۇل ۋىلايىتى، بايىغولىن ئوبلاستى بىر ۋىلايەت ئىككى ئوبلاست، قومۇل شەھىرى، بۈگۈر ناھىيسى، يەكەن ناھىيسى، كوناشەھەر ناھىيسى قاتارلىق ناھىيە شەھەر، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىل- يېزىق كومىتىتى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتى، شىنجاڭ رەڭلىك مىتال گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق بۆلۈم ۋە كارخانا كەسپى ئورۇنلارغا قارىتا مەخسۇس تۈرلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. «بىرى ئىككىنى خەۋەر ئېلىش»نى يولغا قويۇپ، ھەربىر گۇرۇپپا ئىككى يەرنى تەكشۈرىدۇ،ماس قەدەمدە ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ ئورۇنلىشىدۇ.

  تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، ھەر قايسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلفۇنى(قۇبۇل قىلىش ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتى 10 دىن 22كىگىچە) ۋە مەخسۇس خەت ساندۇقى تەسىس قىلدى. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ تەلىپى ۋە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇليىتىگە ئاساسەن، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاساسلىق تەكشۈرۈلدىغان ئورۇن، بۆلۈم، ئىدارىدىكى رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئەزالىرى، رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئاساسلىق مەسئۇلى ۋە مۇھىم خىزمەت ئورۇندىكى رەھبىرى كادىرلارنىڭ مەسللىرى توغرىسىدىكى تېلفۇن ۋە خەتنى قۇبۇل قىلىدۇ، ئاساسلىقى پارتىيەنىڭ سىياسى ئىنتىزامىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلمىسى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومىنىڭ ئون تۈرۈلۈك بەلگىلمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردىكى پاش قىلىش ۋە ئىنكاسلارنى قۇبۇل قىلىدۇ. قالغانلىرى تەكشۈرۈش دائىرسىدە ئەمەس ئەرزىيەت مەسلىسى، بەلگىلمىگە ئاساسەن تەكشۈرۈلگەن ئورۇندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىدۇ. بىرىنچى قارار تۇنجى تۈركۈمدىكى تەكشۈرۈشنىڭ ئوبىكتى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى

  تەكشۈرۈش ئوبىكتى: قومۇل ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرى، نۆۋەتچىلىك تېلفۇنى: 0902-2200860، خەت ساندۇقى: قومۇل مېھمانخانىسى 2015-1-1- نۇمۇرلۇق خەت ساندۇقى

  ئىككىنچى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى

  تەكشۈرۈش ئوبىكتى: ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللەتلەر تىل يېزىق خىزمەت كومىتىتى نۆۋەتچىلىك تېلفۇنى0991- 8521082، خەت ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 122-نۇمۇرلۇق خەت ساندۇقى

  ئۈچىنچى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى

  تەكشۈرۈش ئوبىكتى: ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى، نۆۋەتچىلىك تېلفۇنى: 0991-2207739، خەت ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 120-نۇمۇرلۇق خەت ساندۇقى

  تۆتىنچى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى

  تەكشۈرۈش ئوبىكتى: كوناشەھەر ناھىيسى، نۆۋەتچىلىك تېلفۇنى: 0998-3266067(ئۇيغۇرچە)، 3266082 (خەنزۇچە)، خەت ساندۇقى: كوناشەھەر ناھىيسى 120- نۇمۇرلۇق خەت ساندۇقى

  بەشىنچى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى

  تەكشۈرۈش ئوبىكتى: بايىنغولىن ئوبلاستى، نۆۋەتچىلىك تېلفۇنى: 0996-2230813، خەت ساندۇقى: كورلا شەھىرى خەلق شەرقى يولى 358-نۇمۇرلۇق خەت ساندۇقى

  ئالتىنچى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى

  تەكشۈرۈش ئوبىكتى:شىنجاڭ رەڭلىك مىتال گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، نۆۋەتچىلىك تېلفۇنى: 0991-4841145، خەت ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 118- نۇمۇرلۇق خەت ساندۇقى

  يەتتىنچى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى

  تەكشۈرۈش ئوبىكتى:ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى، تەڭرىتاغنىڭ شەرقىدىكى دۆلەت ئىگدارچىلىقىدىكى ئورماننى باشقۇرۇش ئىدارىسى، نۆۋەتچىلىك تېلفۇنى: 0991-5819037، خەت ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھىرى خېيلوڭجىياڭ يولى 12- نۇمۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى122- نۇمۇرلۇق مەخسۇس خەت ساندۇقى

  سەككىزىنچى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى

  تەكشۈرۈش ئوبىكتى: ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش نازارىتى، نۆۋەتچىلىك تېلفۇنى: 0991- 2209382، خەت ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 119- نۇمۇرلۇق خەت ساندۇقى

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر