باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابى شىنزو 26-ئاپرېل ئامېرىكىغا بولغان ئۇزۇن زىيارىتىنى باشلاپ، ئوباما بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ

2015.03.25 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوباما 2014-يىلى 4-ئايدا ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو 2014-يىلى 23-ئاپرېل كەچتە توكيونىڭ گىنزاغا جايلاشقان ئالىي دەرىجىلىك سۇشى دۇكىنىدا كەچلىك زىياپەت بېرىپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانى كۈتۈۋالدى.

  ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە كابىنېت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يوشىخىدې سۇگا شۇ جاي ۋاقتى سائەت 23تە، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزونىڭ 26-ئاپرېلدىن باشلاپ ئامېرىكىغا سەككىز كۈنلۈك زىيارەتكە بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  يوشىخىدې سۇگا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئابى شىنزو بوستون، ۋاشىنگتون، سان فرانسېسكو، لوس ئانجېلىس ئىبارەت تۆت شەھەرگە بارىدۇ ۋە 27-ئاپرېلدىن 30-ئاپرېلغىچە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ.

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئابى شىنزونىڭ ئامېرىكىدا سەككىز كۈن زىيارەتتە بولۇشىنىڭ كەم ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئابى شىنزونىڭ ئامېرىكا پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىشى ئورۇنلاشتۇرۇلىۋاتقان. ئۆتكەن قېتىم ئامېرىكا پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولسا بۇنىڭدىن 54 يىل ئىلگىرىكى خاياتو ئىكىدا. بۇ يىل ئۇرۇشتىن كېيىنكى 70 يىل بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئابى شىنزونىڭ تارىخقا بولغان تونۇشىنى قانداق بايان قىلىدىغانلىقىغا ئېتىبار بېرىدۇ.

  مەنبە:خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر