باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن كۇبا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇشقا باشلىدى

2015.03.26 08:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا بىلەن كۇبا مۇناسىۋىتىدە ياخشىلىنىش بولۇشقا ئەگىشىپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن كۇبا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇشقا باشلىدى.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى مۇگەير 23-مارت كۇبادىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىنىڭ كۇباغا قىلغان تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى. ئامېرىكا بىلەن كۇبا بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى سۆھبىتىنى باشلىغان ئەھۋالدا، مۇگەيرىنىڭ زىيارىتى غەرب ئەللىرى بىلەن كۇبانىڭ ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىدۇ.

  2014-يىلى 3-ئايدا كۇبا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپىنى رەسمىي قوبۇل قىلىپ سىياسىي جەھەتتە سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش كېلىشىمى توغرىسىدىكى سۆھبەتنى باشلىغان ئىدى. 5-مارت كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋانادا ئاخىرلاشقان 3- قېتىملىق سۆھبەتتە، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەتنى ئىمزالاش جەھەتتە ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەدەنىيەت ، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالماشتۇردى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن كۇبا 2016- يىلدىن ئىلگىرى بۇ كېلىشىمدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سىرتقى ھەرىكەت مەھكىمىسى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇگەيرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن كۇبا سۆھبىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىگە توغرا كەلدى. ئۇ، كۇبانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رودىرگىس قاتارلىق ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق قاتارلىق مەسىلىلەردە كۆز قاراشلىرىنى ئالماشتۇرىدۇ. مۇگەيرىنى14-مارت كۇبادا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قانداق كۈچلۈك كۈچ بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۆرۈشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۇبانىڭ تەرەققىياتىغا ھەمدە كۇبا بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر قىسىم ھالقىلىق قاتناشقۇچىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت مۇساپىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلماقتا، يۇقىرىقى تەرەققىيات مەزكۇر رايون بىلەن كۇباغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بەرپا قىلىدۇ ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنى پۇرسەت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، غەرب ئەللىرى بىلەن كۇبانىڭ ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇش يۈزلىنىشى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئۆتكەن يىلى 12- ئايدا، ئامېرىكا بىلەن كۇبا رەھبەرلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا كېڭىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ھازىرغىچە ئىككى تەرەپ ئۇچ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى. مۇگەيرىنى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ ئىلگىرىلەش تارىخى خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، بۇ سۆزلىشىشنىڭ قارشىلىشىش ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى بۇ يىل 5-ئايدا كۇبادا زىيارەتتە بولدى، بۇ سوغۇق مۇئامىلە ئۇرۇشىدىن كىيىن فىرانسىيەنىڭ دۆلەت رەھبىرىنىڭ كۇباغا قىلغان تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى.

  گەرچە ئامېرىكىغا ئوخشاش ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۇباغا قارتا 50 نەچچە يىل جازانى يولغا قويغان بولسىمۇ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىش يولى ئىنتايىن جاپالىق بولدى. 1996- يىلى، ئۇرونو ئىتتىپاقى كۇباغا قارىتا ئورتاق مەيدان بېكىتىپ، كۇبانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەلىشىشىنى ياخشىلاشنى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلدى، بىراق كۇبا ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشقانلىق دېگەننى باھانە قىلىپ بۇنى رەت قىلدى.

  2008-يىلى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۇبا بىلەن بىرلەشمە بايانات ئىمزالاپ، ھەمكارلىقنى قايتىدىن باشلىدى. 2008- يىلدىن 2013- يىلىغىچە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق تۈرىگە 85 مىليون ياۋروپا مەبلەغ سالدى. ھەمكارلىق تۈرلىرى كۇبانىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى كۆپلىگەن تەرەپلىرىنى قاپلىدى. ئىككى تەرەپلىك سۆزلىشىشىدىن سىرت، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى لاتىن ئامېرىكىسى كارپ رايونى ئورتاق گەۋدىسى ، كاراپ مۇنبىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئارقىلىق كۇبا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى.

  بۈگۈنكى كۈندە، كۇبا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك كېلىشىم ئىمزالىدى، بىراق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىر ئومۇمىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنىلا 1996- يىلدىكى ئورتاق مەيدانىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە كۇباغا قاتتىق قوللۇق مەيدان قوللىنىپ كېلىۋاتقان پولشا بىلەن چېخ پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتسىلا، ئورتاق مەيدان ئاندىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، كۇبا ئاندىن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىر تۈرلۈك يېڭى كېلىشىم ھاسىل قىلىدۇ.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئورتاق مەيدان سىياسىتى ئۆتمۈشكە ئايلاندى، كۈندىن كۈنگە چوڭقۇرلىشىۋاتقان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن كۇبا ئوتتۇرسىدىكى ئىقتىسادى ئالاقە ھەمدە ئامېرىكا تەرەپنىڭ پوزىتسىيەسىدە ياخشىلىنىش بولۇشى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن كۇبا مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پۇرسەت يارىتىپ بەردى. كۇبا بولسا بىرازىلىيە بىلەن مېكسىكىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا سىرت بىلەن ئۇچرىشىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ كەلمەكتە، ئامېرىكا تەرەپنىڭ سىياسىتى بۇنىڭغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر