باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۆتكەن بىر ھەپتىدە ياۋروپانىڭ نۇرغۇن جايلىرى كەينى كەينىدىن تۇماننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

2015.03.26 08:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن بىر ھەپتىدە ياۋروپانىڭ نۇرغۇن جايلىرى كەينى كەينىدىن تۇماننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ئەنگلىيەنىڭ لوندوننى تۇمان قاپلىۋالدى، فىرانسىيەنىڭ پارىژدىكى داڭلىق ئېففېل مۇنارى كۆرۈنمەي قالدى. ئۇدا داۋاملاشقان تۇمانلىق ھاۋارايى ياۋروپا ئەللىرىنى ئەندىشىگە سالدى شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇمان يەنە بىر قېتىم دۇنياۋى مەسىلىگە ئايلاندى.

  بۇ قېتىم ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە تۇمان ئەڭ ئېغىر بولدى. ئەنگلىيە مۇھىت مىنىستىرلىقى خەلققە ساغلاملىق ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى بولۇپمۇ يۈرەك كېسىلى، ئۆپكە كېسىلى ۋە زىققا كېسىلى بار شەھەر ئاھالىسىنى دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇردى. پارىژ شەھەر مەمۇرىيىتى ماشىنىلارنىڭ يۈرۈشىگە، سۈرئىتىگە چەك قويۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش جىددىي تەدبىرلەرنى قوللاندى.

  ئۆتكەن يىلى 3-4-ئايلاردا، ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرى 2007-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر تۇماننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. پارىژ چوڭ رايونىدا ھاۋانىڭ بۇلغىنىش كۆرسەتكۈچى ئۇدا بىر ھەپتە ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ كەتتى، ئەنگلىيەدە بىر مىليون 600 مىڭدىن كۆپرەك ئادەمنىڭ زىققا كېسىلى قوزغىلىپ كەتتى.

  بۇ قېتىمقى تۇماننىڭ ياۋروپا ئەللىرىگە يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىشى كىشىلەرگە تۇماننىڭ مەلۇم دۆلەت ياكى مەلۇم رايوننىڭ پاتېنتى بولۇپلا قالماستىن ئۇنىڭ بىر دۇنياۋى مەسىلە ئىكەنلىكى، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ئۆزىنىلا ئويلىماستىن، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

  ئەنگلىيە مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئەنگلىيەدە ھەر يىلى تەخمىنەن بەش قېتىم ئېغىر دەرىجىدە ھاۋا بۇلغىنىدىكەن. بۇلغىمىنىڭ تەخمىنەن 34 پىرسەنتى چەتئەلدىن كېلىدىكەن، ئەنگلىيەدە پەيدا بولغان بۇلغىمىنىڭ 77 پىرسەنتى باشقا دۆلەتلەرگە ئۇچۇپ بارىدىكەن. ئۆتكەن يىلى لوندون قۇم بوران ئاپىتىگە ئۇچرىغاندا، ھاۋانى قاپلىغان قۇملار ئافرىقىدىكى سەھرايى قۇملۇقىدىن كەلگەن.

  ئەنگلىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بىرىد مۇنداق دېدى: ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق د. بىز بۇنىڭغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. پۈتۈن ياۋروپا ئەللىرى تېخىمۇ قاتتىق بولغان ھاۋا سۈپىتى ئۆلچىمىنى يولغا قويۇپ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى بۇلغىمىنى قويۇپ بېرىشنى چەكلەشكە دەۋەت قىلىشى كېرەك. بىرىد ئەنگلىيەگە ۋاكالىتەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى ھاۋا سۈپىتى قانۇن لايىھەسىنى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى تۇمان ياۋروپا ئەللىرىگە يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، كىشىلەرگە تۇماننى تىزگىنلەش يولىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى ۋە غايەت دەرىجىدە جاپالىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىلا ھاۋا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەشكە تۇتۇش قىلغان، ئاساسلىقى زىيانلىق ماددىلارنى قويۇپ بېرىشنى تىزگىنلەش، يېقىلغۇلارنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش، مۇھىتنى قوغداش تەلىپىنى قاتناش تىرانسپورت ۋە ئېنېرگىيە كەسىپلىرىگىچە قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان. بۇ تەدبىرلەر گەرچە بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا ئەللىرىنى ھاۋا بۇلغىنىشى ۋە ئۇنىڭ زىيىنىدىن پۈتۈنلەي خالىي قىلالمىدى.

  بۇ قېتىم ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تۇماننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىشىدا سانائەتتىكى بۇلغاش ئاساسلىق ئامىل، لېكىن ئۇزۇندىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن ماتورلۇق ماشىنىلاردىن چىققان بۇلغىمىلارغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. لوندون ھاۋاسىدىكى 58 پىرسەنت ئازوت ئوكسىد ماددا ھەمدە 68 پىرسەنت PM10بۇلغىما دانىچىنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قويۇپ بەرگەن. فىرانسىيەدە نۇرغۇن دېزىلىن بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان ماشىنىلار ھاۋا بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتىللارنىڭ بىرى.

  تۇمان بىزگە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى تونۇتتى شۇنداقلا بىزنى ھاۋا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەشنى يەر شارى قاتلىمىغا كۆتۈرۈشكە قىستىماقتا.

  كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى، مەيلى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بولسۇن ياكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولسۇن، ھەممىسى بۇلغىنىشنى تىزگىنلىمەكتە ۋە مۇھىت قوغدىماقتا، سىياسەت، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، تېخنىكا قاتارلىق تەرەپلەردىن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر قايسى دۆلەتلەر مۇھىتنى تىزگىنلەش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇرلاردىن تەڭ بەھرىلىنىپ، تېخنىكا ئالماشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر