- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىلگىرىكى سوغۇق مۇناسىۋەتتىن ياخشىلىنامدۇ؟
2015.03.26 09:01 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئافغانىستان زۇڭتۇڭى ئەشرەپ غەنى تۈنۈگۈن ئاق سارايدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ 4 كۈنلۈك زىيارىتى ئاياغلاشتى. ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىلگىرىكى سوغۇق مۇناسىۋەتتىن ياخشىلىنامدۇ؟
ئۆتكەن 14 يىلنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقىتلىرىدا، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاننىڭ تاغلىق رايونلىرىدا تالىبان قاتارلىق قوراللىق تەشكىلاتلار بىلەن جەڭ قىلغان بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئافغانىستاننىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرى بىلەنمۇ جەڭ قىلدى. تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ئوباما بىلەن ئافغانىستاننىڭ 10 نەچچە يىللىق رەھبىرى كارزائى ئاتاقتا ئىتتىپاقداش بولسىمۇ، ئەمما قىسمەن ئاشكارا سورۇنلاردىكى مۇناسىۋىتى كىشىلەرنى گۇمانغا سالىدىكەن. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئاستىرتتىن كارزائىنى ئىقتىدارسىز، جاھىل، چىرىكلىككە قارشى تۇرمايدىغان دەپ ئەيىبلىشىدىكەن.
غەنى بىلەن ھۆكۈمەت باشلىقى ئابدۇللا 2014-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ شەخسىي مۇناسىۋىتىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلدى.
غەنىنىڭ زىيارىتى توغرىسىدا ئوبامانىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستان مەسىلىسى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى جېف ئېگگېرس مۇنداق دېدى: بۇ بىزنىڭ كارزائى زۇڭتۇڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىتتا ئورناتقان مۇناسىۋەتكە ئوخشىمايدۇ، ھازىرقى مۇناسىۋەتتە ھەمكارلىشىش كۆپ، مۇناسىۋەت تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ.
22-مارت، ئىلگىرى دۇنيا بانكىسىدا 15 يىل ۋەزىپە ئۆتىگە ئەشرەپ غەنى يەنە بىر قېتىم ئامېرىكىغا بېرىپ، ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئىككى سىگنال بەردى، بىرى، ئوتاق مەنپەئەت، يەنە بىر بولسا ئافغانىستانلىقلار ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار بىلەن جەڭگە باشلامچىلىق قىلىش.
بۇ سېگناللارمۇ ئوبامانىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقتى. ئۇ ئىلگىرى 2017-يىلى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق بارلىق ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى. غەنى زىيارەت قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندا 2200دىن ئارتۇق ئەسكىرىدىن ئايرىلدى، مەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىمەن، ئۇلار بىزنىڭ جىلغىلىرىمىزنى، قۇملۇقلىرىمىزنى، تاغلىقلىرىمىزنى بەش قولدەك بىلىدۇ، ئۇلار بىز بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلغان.
غەنى بىلەن ئوباما يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك، غەنى ئوبامانىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقتىنى يەنە ئويلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلامچىلىق قىلىدىغان ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق بىخەتەرلىككە ياردەم بېرىش قىسمى 2014-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، ھازىر ئافغانىستاندا تەخمىنەن 12 مىڭ ئەسكەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرى تەخمىنەن 9800گە يېتىدۇ. پىلان بويىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئاستا-ئاستا چېكىنىدۇ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن 5500 ئادەم قالىدۇ؛ 2016-يىلنىڭ ئاخىرىدا بۇ سان 1000غا ئازايتىلىدۇ.
2014-يىلى ئافغانىستان ئۇرۇشى ئەڭ قانلىق بولغان بىر يىل، 2015-يىلىدىكى ئۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئافغانىستان بىلەن تالىباننىڭ تىنچلىق سۆھبىتىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالدى. تالىبان ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەرنىڭ بىرى بولسا «بارلىق چەتئەل قىسىملىرىنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرۈش». بۇندىن باشقا، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ تەسىرىمۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى بىر قىسىم قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقلىرىمۇ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە بولغان سادىقلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئافغانىستان باجنى تولۇق يىغالماي، ئىئانىگە بەكلا تايىنىپ قالغان.
بۇ ئەھۋاللار ئوبامانىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاشۇرالماسلىقىغا بولغان گۇماننى قوزغىدى. سىرتتىكىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ئافغانىستاندا قېلىپ قالىدىغان ئەسكەر سانىغا قايتىدىن باھا بېرىلىدىكەن.
ئاق ساراي يېقىندا: ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقتى ۋە ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا بازىسىنى تاقاش تەرتىپى ئۆزگىرىشى مۇمكىن، لېكىن 2017-يىلىدىن بۇرۇن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا چەكلىك ئادەم قالدۇرىمىز، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى قوغداش ئومۇمىي نىشانىمىز ئۆزگەرمەيدۇ، دېدى.
سىرتتىكىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ئوباما يېقىندا بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەسكەر چېكىندۈرۈشنىڭ كونكرېت پىلانىنى ئېلان قىلىش مۇمكىنكەن.
غەنى ئوبامادىن مەبلەغ ياردىمى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. بۇ قېتىمقى باشلىقلار سۆھبىتىدىكى يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ئافغانىستانغا مالىيە جەھەتتە ياردەم بېرىش، مالىيە جەھەتتىكى ياردەم 2017-يىلغىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، ئەمما 2017-يىلدىن كېيىنكى 5 يىلدا قانداق قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لازىم.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر