باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىقتىسادى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرى قانداق سىگنال بېرىدۇ؟

2015.03.24 17:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىقتىسادى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى 18-مارت 2015-يىللىق تۇنجى قېتىملىق ئىقتىسادى ئالدىن مۆلچەرنى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتتا، ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسى ئاز مىقداردا ئاشۇرۇلدى ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قىسقا مەزگىللىك قوزغىتىش سىياسىتى ئېلىپ كەلگەن بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مۇراجىئەت قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يوشۇرۇن كۆپ خىل خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىندى.

  ئىقتىسادى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى كەيبىلىن مان شۇ كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە پۇل مۇھىتىنىڭ بوشىتىلىشى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ قىسقا مۇددەتتە ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. ئىقتىسادى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يەر شارى ئىقتىسادى بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئايرىم-ئايرىم %4 ۋە %4.3 ئېشىشى، 2014-يىلى 11-ئايدىكى ئالدىن مۆلچەردىن 0.1 ۋە 0.2 پوئىنتى ئېشىشى مۇمكىن.

  ئۇ مۇنداق دېدى: گەرچە يار شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئىستىقبالى ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەتلەر بۇنىڭدىن قانائەتلىنىپ قالماسلىقى كېرەك، چۈنكى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئومۇمەن بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە ھەمدە ئۇزۇن مۇددەت بىر قەدەر ناچار ھالەتتە تۇرۇشى مۇمكىن. ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرى قىسقا مۇددەتلىك قوزغىتىش سىياسىتى ئېلىپ كەلگەن بوشلۇقتىن ئوبدان پايدىلىنىپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، كۆپ قىسىم تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئىسلاھات مۇساپىسى مەلۇم دەرىجىدە ئاستا بولدى، ئالاقىدار دۆلەتلەر ئامال قىلىپ ئىسلاھاتنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئالايلۇق: ياپونىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاممىۋىي قەرز يەنىلا ناھايىتى زور كۆلەمنى ساقلىدى، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

  ئىقتىسادى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ياۋروپا مۇقىم ئوتتۇرا مەزگىللىك مالىيە سىياسىتى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە مەدەت بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر سىياسىي ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، ئەگەر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىياسىتى جەھەتتىكى ئىختىلاپنىڭ بەشتىن بىر قىسمى ئازايتسا، رايون ئىچىدىكى چېگرا ھالقىغان مەبلەغ سېلىش بىۋاسىتە تۆتتىن بىر قىسىم كۆپىيىدىكەن، سودا مىقدارى %15 ئاشىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى يولغا قويماقچى بولغان روك مەبلەغ سېلىش پىلانى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، ئىقتىسادى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى بۇ پىلان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىرلىككە كەلگەن بازار شەكىللەندۈرۈشىگە، ياۋروپانىڭ ئۇچۇر كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پايدىلىق دەپ قارىدى.

  ئىقتىسادى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: مۆتىدىل ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادى ۋە كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە سىگنالىدا ئالاقە كەمچىل بولۇۋاتىدۇ. بۇ يەر شارى ئىقتىسادىغا تۇمان پەيدا قىلدى. نۆۋەتتە پۇل پاخاللىقى، پۇل قىسىش ۋە پۇل مۇئامىلە خېيىم خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ئىقتىسادى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە نۇرغۇن دۆلەتلەردە پۇل پاخاللىق سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن، نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ نۇرغۇن دۆلەتلەر پۇل پاخاللىق، پۇل قىسىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. پۇل پاخاللىق، پۇل قىسىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن ھامان ھۆكۈمەتلەر ۋە بىلەن كارخانىلارنىڭ قەرزى ئېشىپ كېتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ توختاپ قېلىش خەۋپى كۈچىيىدۇ.

  ئىقتىسادى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن يىلى 12-ئايدىن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەتلەر پۇل قويۇۋېتىش سىياسىتىنى قوللاندى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىغىندىسى يەر شارى ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %48نى ئىگىلەيدۇ. ھەددىدىن ئارتۇق تۆۋەن ئۆسۈم سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئون يىللىق زايوم كىرىم نىسبىتى تارىختىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن خېلىلا تۆۋەن بولدى، قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك قەرز پايدا نىسبىتى ھەتتا مەنپىي بولدى.

  ئىقتىسادى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى مۇنداق دەپ قارىدى: ھەددىدىن ئارتۇق تۆۋەن ئۆسۈملۈك پۇل سىياسىتى ئېلىپ كەلگەن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، بۇ پېرېۋوت ۋە مۈلۈك باھاسىدا كەسكىن داۋالغۇش بولۇشتىن ھوشيار بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىقتىسادى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى شۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەككى نۆۋەتتىكى پۇل سىياسىتى ئەمەلىي ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولالمىدى، پۇل سىياسىتىگە تايىنىپ ئىقتىسادنى قوزغىتىشقا ھەددىدىن ئارتۇق تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر