باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كۇبا بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۆھبىتى ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتىدۇ

2015.03.23 14:47         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۇبا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئاياغلاشقان 3 – قېتىملىق كۇبا – ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۆھبىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر قىسمەن كونكرېت مەسىلىلەر توغرىسىدىلا پىكىر ئالماشتۇردى، ئىككى تەرەپ بۇ ھەقتە داۋاملىق ئۇچرىشىدۇ.

  تەھلىلچىلەر: كۇبا – ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۆھبىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ناتايىن، لېكىن، سۆھبەتتە يەنىلا ئىلگىرىلەش بولۇۋاتىدۇ، دېدى.

  2014 – يىلى 12 – ئايدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۇبا رەھبىرى رائۇل كاسترو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ 2015 – يىلى 22 – يانۋار ۋە 27 – فېۋرال ھاۋانا ۋە ۋاشىنگتوندا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ھەر قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن، نۇرغۇن مۇخبىر قاتناشقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ، سۆھبەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى خەۋەرلەندۈرۈلدى.

  3 – قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق سۆھبەت بىلەن ئوخشاشمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ قېتىملىق سۆھبەت باشتىن – ئاخىر سىرلىق كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى. سۆھبەت يېپىق ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلىنمىدى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىمۇ ئۆتكۈزۈلمىدى، قىسقا ئاخباراتلارمۇ سۆھبەت ئاياغلىشىپ، ئەتىسى سىرتقا ئېلان قىلىندى.

  بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە، ئىككى تەرەپ ئامېرىكا كۆڭۈل بۆلىدىغان قايتا ئەلچىخانا ئېچىش توغرىسىدىكى قىسمەن تېخنىكىلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. كۇبا يەنىلا ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەت قارا تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشىنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكىنىڭ كۇبانىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق مەنپەئەتدارلار ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ بانكا ھېساباتى ئېچىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ قېتىمقى سۆھبەت باشلىنىشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئامېرىكا بىلەن ۋېنېزۇئېلانىڭ مۇناسىۋىتى تۇيۇقسىز يامانلىشىپ، كۇبا – ئامېرىكا سۆھبىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى.

  ئوباما 9 – مارت ۋېنېزۇئېلاغا قارىتىلغان جازانىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ۋېنېزۇئېلانىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ‹‹ئالاھىدە تەھدىت›› پەيدا قىلىدۇ، دېدى.

  ئارقىدىنلا ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو: ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ۋېنېزۇئېلاغا تاجاۋۇز قىلىش ھەم ۋېنېزۇئېلا ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش، دېدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، 14 – مارت مەملىكەت بويىچە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى جاكارلىدى.

  كۇبا ھۆكۈمىتى ۋېنېزۇئېلانىڭ ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋېنېزۇئېلانى ‹‹شەرتسىز قوللايدىغانلىقى››نى بىلدۈردى. رائۇل كاسترو 17 – مارت ۋېنېزۇئېلانىڭ پايتەختى كاراكاسقا بېرىپ، ئۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا قىتئەسى بولىۋار ئىتتىپاقداشلار ئالاھىدە ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ، مادۇروغا مەدەت بەردى.

  تەھلىلچىلەر بىردەك مۇنداق قارىدى: ھازىرقى ئالاھىدە مۇھىتتا سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش كۇبا بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، كۇبا ھۆكۈمىتى ئىقتىساد ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتە ئىتتىپاقداش دۆلىتى ۋېنېزۇئېلانى قەتئىي قوللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىقتىساد، سودا ۋە سىياسىي مۇناسىۋىتىنى تىنچ يول بىلەن ياخشىلاشنى خالايدۇ.

  كۇبا بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ئۈچ ئايدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بولسىمۇ، يەنىلا بەزى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپنىڭ ئۈچ قېتىملىق سۆھبىتىدە كۆرۈنەرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ قېتىم ئۇچرىشىشى ئىككىلا دۆلەتنىڭ قايتا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، بۇ ئۇزاق ۋاقىت دۈشمەنلىشىپ كەلگەن ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز زور ئىلگىرىلەش، دېيىشكە بولىدۇ.

  ھالبۇكى، كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قەدىمى يەنىلا مۈشكۈل بولىدۇ. چۈنكى، قايتا ئەلچىخانا ئېچىش تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا پەقەت ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر