باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنىنىڭ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشتىكى مەقسىتى زادى نېمە؟

2015.03.24 17:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىگە ئەگىشىپ ئافغانىستان ئىقتىسادنى ئەسلگە كەلتۈرۈش ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش جەھەتتە ئېغىر خىرىسقا يولۇقتى، بۇ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشقا باشلىدى.

  شۇ يەردىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى بىلەن ئافغانىستاننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئابدۇللا 21- مارت زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن ئامېرىكا قاراپ يولغا چىققان، 23- مارت يەنى بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن سۆھبەتلىشىدىكەن. تاراتقۇلار بۇنىڭغا باھا بېرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ غەنىنىڭ زۇڭتۇڭ بولغاندىن كىيىن تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ، بۇنىڭدىن مەقسەت، ئافغانىستاننىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشىدىن ئىبارەت. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەسكەر چېكىندۈرۈۋاتقان ئەھۋالدا، غەنى، بىخەتەرلىك، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق ياردەم بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئافغانىستاننىڭ 2014- يىلدىكى مۇقىملىق تەرتىپىنى ساقلاپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت.

  بىخەتەرلىك ئافغانىستان ۋەزىيىتىدە مۇھىم ئىش. غەنى، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە ياردەم بەرگۈچى قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈشىنى ئاستىلىتىپ، ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلى بىلەن ھەربىي بازىلىرىنى تاقاش جەھەتتە تېخىمۇ جانلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا بىخەتەرلىككە ياردەم بەرگۈچى قىسىم ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇردى، ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۆز دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئىشلىرىنى رەسمىي ئۆتكۈزۈلدى. بىراق، ئافغانىستاننىڭ ئىچكى قىسمىدا يېقىنقى مەزگىلدە قوراللىق ھۇجۇمى قىلىش ۋەقەلىرى ئۈزۈلمەي، كۆپلىگەن كىشىلەر يارىدار بولدى ۋە قازا قىلدى. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە تالىباننىڭ ئەتىياز پەسىللىك ھۇجۇم قىلىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى. ئۇزاقتىن بۇيان مۇستەقىل ئۇرۇش قىلىش تەجرىبىسى كەمچىل بولۇپ كەلگەن ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىمنىڭ دۆلەتنى قوغداشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئىلىش ئالماسلىقىنى ھازىر بىرنېمە دېگىلى بولمايدۇ. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەگەر ئافغانىستان تالىبانلىرى سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن يارىشىشنى خالايدىغان بولسا، ئۇنداقدا ئافغانىستاننىڭ مىللىي يارىشىش مۇساپىسىگە زور دەرىجىدە تۈرتكە بولىدۇ. تالىبان جاھىللىق بىلەن قارشى تۇرىدىغان بولسا، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن بىرلىشىپ، تالىبان بىلەن قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئېھتىماللىقىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ.

  تالىباننىڭ تەھدىتىدىن سىرت، غەنى 21- مارت يەنە تۇنجى قېتىم ، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئافغانىستاندا يىلتىز تارتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلدى . بۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستانغا ياردەم بەرگۈچى ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى نىگولاس خاساننىڭ ئىسپاتلىشىغا ئېرىشتى. خاسان مۇنداق دېدى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى ئافغانىستاندا بازا قۇردى، بۇ چەتئەللەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئەندىشىسىنى قوزغىدى. ئافغانىستان سىياسىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى، كابۇللۇق سىياسىي ئوبزورچى خالون مىر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: غەنى، زىيارەت ئارقىلىق، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى قوللاش ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، تالىبان بىلەن ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي قوراللىق تەشكىلاتىغا تاقابىل تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئىككى دۆلەت ئەسكەر چېكىندۈرۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدەتمەكچى. ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كات ئۆتكەن ئايدا ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولغاندا، بۇنىڭغا ئوخشاش پوزىتسىيەنى بىلدۈرگەن، ئەسكەر چېكىندۈرۈش قەدىمىنى ئاستىلىتىش، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەملىكەت ئىچىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئافغانىستان ئۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەيدۇ.

  بىخەتەرلىكتىن سىرت، غەنى يەنە ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشىدىن مەقسىتى ئامېرىكىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇزاققا سۇزۇلغان ئۇرۇش، ئافغانىستانغا ناھايىتى زور زىيانلارنى ئىلىپ كەلدى. ئاساسى مۇئەسسەسى ئاساسى جەھەتتىن ۋەيران بولدى، دۇنيا بانكىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ %60 چىقىمى خەلقئارا ياردەمدىن كېلىدىكەن. خەلقئارا ياردەمگە ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ، ئافغانىستان ئىقتىسادى ئۇزاققىچە ئاجىز ھالەتتە تۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرالمايدىكەن. ئىقتىسادنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈشنى ئىلىپ ئېيتساق، كۈچلۈك ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدىن سىرت، يېتەرلىك مەبلەغنىڭ كېلىشى مەنبەيى بولمىسا، بۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىكەن. غەنىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى، ئافغانىستاننىڭ ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازىنى قايتىدىن ئورنىتىپ، ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ، ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇشقا مۇستەھكەم ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت.

  پاكىستان ئىسلام ئاباد سىياسىي تەتقىقات ئورنىنىڭ ئامېرىكا ئافغانىستان مۇناسىۋىتى بويىچە تەتقىقاتچىسى نەزەر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئافغانىستاننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر ئېغىر خىرىسقا يولۇقماقتا، يېڭى ھۆكۈمەت بۈگۈنكى كۈنگىچە كابىنېتىنى تەشكىللەپ بولالمىدى، غەنى بىلەن ئابدۇللانىڭ تۈزۈلمىسى ھوقۇق تەقسىماتىدىكى سۈركىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. غەنى بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، كارزائىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئافغانىستان ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، سىياسىي، ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت ئۇچ جەھەتتە تىنچ ئۆتۈشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر