باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەت ئاچقۇچلۇق پەيتكە كىردى

2015.03.24 17:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەت ئاچقۇچلۇق پەيتكە كىردى، ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئىراننىڭ يادرو كىرىزىسىگە خاتىمە بېرىش ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مۇھىم ئىشىغا ئايلاندى.

  ئىران- ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت بىلەن شېۋىتسارىيەنىڭ لائۇساندا ئۆتكۈزگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەت 20-مارت دەم ئالدى. گەرچە بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتتە ئالدىن مۆلچەرلەنگەن رامكا كېلىشىمى ھاسىل قىلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق سۆھبەتتە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك سىياسىي ئارزۇسىنى نامايان قىلدى. ئىراننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاراكىچ 20-مارت، ئىراننىڭ - ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت بىلەن ئىلىپ بارىدىغان كېيىنكى نۆۋەتلىك سۆھبىتىنىڭ 25-مارت داۋاملىق لائوساندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 20-مارت ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن تېلېفونلاشقاندا، جۇڭگونىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبىتىگە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قاتنىشىپ، باشتىن ئاخىرى ئىجابىي رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەر قايسى قاتلاملاردىكى ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى سۆھبەتتىن ئىبارەت بۇ مەيدان مارافوندىكى ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىنى بېسىپ تۈگىتىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتكە قاتناشقان جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چۇن مۇنداق دېدى: سۆھبەتتە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك سىياسىي ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ، ھەقىقىي سۆھبەتلىشىش پوزىتسىيەسى ۋە ئىجابىي خاراكتېرلىك تەپەككۇرى ھەمدە ئۇسۇلى ئارقىلىق كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. جۇڭگو سۆھبەت داۋامىدا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىختىلاپىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئالاقىدار مۇھىم نۇقتا ۋە قېيىن مەسىلىلەردە بىر قاتار جۇڭگو لايىھەسى بىلەن جۇڭگو تەپەككۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ لايىھە ۋە تەپەككۇر سۆھبەتكە تۈرتكە بولۇشتا جۇڭگونىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچنى قوشتى، ھەر قايسى تەرەپلەر، جۇڭگونىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتكە تۈرتكە بولۇشتا ئوينىغان مۇھىم رولىغا ۋە ئىجابىي تىرىشچانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتتى. جۇڭگو باشقا تەرەپلەر بىلەن بىرگە، ھارماي تالماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك سىياسىي كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەت 15-مارت باشلانغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە، كۆپ قېتىم ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە بۇندىن ئۇچ كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا بىلەن ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىككى تەرەپلىك سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى، كېررى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف سۆھبەتكە تولۇق قاتناشتى ھەمدە كۆپ قېتىم ئايرىم كېڭەشتى. ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى مونىس بىلەن ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيەسى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سالىشمۇ تېخنىكا قاتلىمى مەسىلىسىدە قايتا قايتا پىكىر ئالماشتۇردى. بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتكە قارتا، ئامېرىكا بىلەن ئىران بىردەك، سۆھبەت ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى، بىراق يەنىلا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك كۆپلىگەن ئىختىلاپلار بار دەپ ھېسابلىدى.

  ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەتنىڭ 2013- يىلى 12- ئايدا ھاسىل قىلغان باسقۇچ خاراكتېرلىك كېلىشىگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ 2014- يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن ئىلگىرى، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئىختىلاپ ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن، سۆھبەت ۋاقتى 2014- يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە كېچىكتۈرۈلدى. ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە كەينىگە سۇرۇپ، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگە بېكىتىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر يېقىندا مۇزاكىرىلىشىپ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇرۇن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە رامكا كېلىشىمى ئىمزالاشنى ئۈمىد قىلىشتى.

  ئامېرىكىدا چىقىدىغان ھول كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى بىلەن 20-مارت تېلېفونلاشقان، ئامېرىكا ئاق سارىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى رەھبەر ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئۇزاق مۇددەت ۋە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن، بۇنىڭدىكى مەقسەت- خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا بولغان ئەندىشىسىنى تەل توكۇس تۈگىتىش ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن. باياناتتا، ئىراننى تەدبىر قوللىنىپ ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىنغان.

  ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئىران زۇڭتۇڭى روخانى 21-مارت، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىش پۇرسىتىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. روخانى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ئىران، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تۆۋەن چەكلىمىسىگە ۋە مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا بەل باغلىدى. بىر قىسىم ئىختىلاپلار ھەل قىلىندى، ئىككى تەرەپ يەنە بىر قىسىم يېڭى ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلدى، ھەمدە مۇشۇ ئاساستا ئاخىرقى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا نۆۋەتتە يەنىلا بىر قىسىم ئىختىلاپلار ساقلانماقتا، بۇ ئىختىلاپلار سۆھبەتلىشىش يوللىرى ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەر تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتقا موھتاج، شۇڭا سۆھبەتنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدى. روخانى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بارلىق مەسىلىلەر ئاخىرقى ھېسابتا ھەل قىلىنىدۇ . كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ياكى بىر قانچە ھەپتە ئىنتايىن جاپالىق. ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىن ئىلگىرى، ھەر قايسى تەرەپلەر ئىنتايىن جاپالىق ۋە مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك . روخانى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئەڭ ئاخىردا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشى، ئىران خەلققە بەخت يارىتىشىنى، ھەمدە رايون ۋە دۇنياغا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئىلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ئامېرىكا كولومبىيە رادىيو شىركىتى تور بېكىتىنىڭ 20-مارت خەۋەر قىلىشىچە: ئوباما 19-مارت پارسلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىگەن ۋىدېيوسىدا، ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ تارىخى پۇرسىتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكىنى، بولمىسا بۇنداق پۇرسەتنىڭ ناھايىتى تىزدىن يەنە كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئوباما مۇنداق دېگەن: ئىران رەھبەرلىرى بىر تۈرلۈك مۇۋاپىق كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا قوشۇلسىلا، ئىران دۇنيادىكى سودا شېرىكلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى جەلپ قىلىپ ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى يارىتىپ، ئىران خەلقكە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايدۇ. بولمىسا ئىران خەلقى داۋاملىق ئۈمىدسىزلىنىش ۋە جاپالىق مۇھىت ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

  زەرىف ئىجتىمائىي تور بېكىتىدە ئوبامانىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىرانلار ئەمەس بەلكى سۆھبەتكە قاتناشقان تەرەپلەر قارار چىقىرىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى، ئىران- ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى سۆھبەتكە قاتنىشىش بىلەن ھۆرمىتىنى ساقلاشنى تاللىدى، نۆۋەتتە، ئالاقىدار دۆلەتلەر داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىش ياكى كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى تاللايدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى دېدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئۇزاققا سوزۇلغان ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەت ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى. نۆۋەتتە تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان نۇقتا ئاساسلىقى: 1. ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش.

  2.خەلقئارا جەمئىيەت ئىراننىڭ يادرو پىلانىنىڭ تىنچلىق مەقسىتىدە ئىكەنلىكىگە قانداق قىلىپ ئىشىنىشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ھالقىنى چۆرىدەپ ئىلىپ بېرىلماقتا. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، نۆۋەتتە سۆھبەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ سانى، دائىرىسى، ئالاقىدار نازارەت قىلىش ئەسلىھەلىرىنى ساقلاپ قىلىش، داۋاملىشىش ۋاقتى ھەمدە ئەڭ ئاخىر ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كىيىن، ئىرانغا قارىتىلغان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋاقتى ۋە قەدەم باسقۇچى قاتارلىق تەپسىلىي مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن.

  تېخنىكا مەسىلىسىدە، سالىھ ئىككى تەرەپنىڭ %90 تېخنىكا مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى، بىراق قالغان %10 تېخنىكا مەسىلىسىنىڭ ئەڭ قېيىن مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىراننىڭ ئىشلىتىۋاتقان قويۇلدۇرۇلغان ئوران ئايرىيدىغان سېنترىفۇگنىڭ سانىنى ساقلاپ قىلىش مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپنىڭ تالاش تارتىشىنىڭ بېسىقمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىراننىڭ نۆۋەتتە 19 مىڭ سېنترىفۇگى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 9400ى ھەرىكەتلەنمەكتە. ئىراننىڭ ئالى داھىيسى ھامىنىينى، ئەگەر ئىراننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئىراننىڭ كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا 190 مىڭ سېنترىفۇگغا موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  بىراق ئامېرىكا،ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنسىلا، ئىراندا نۆۋەتتە بار بولغان كۆپ ساندىكى سېنترىفۇگنى ئازايتىش كېرەك دەپ ھېسابلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىراندا ساقلانغان كۆپ ساندىكى ئوران قويۇلدۇرۇشقا ئېشىلىدىغان خام ئەشيالارنى چېگرا سىرتىغا يۆتكەش كېرەك.

  ئىرانغا قارىتىلغان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئىران: بۇ ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتتىكى ئەك نېگىزلىك ، ئەڭ نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بېرى دەپ ھېسابلىدى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئېغىر ئىختىلاپ ساقلانغانلىقىغا قارىتا، ئامېرىكا مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە ئىراننىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالىغا قاراپ ئىرانغا قارىتىلغان جازانى باسقۇچقا بولۇپ ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا چىڭ تۇردى. بىراق ئىران، ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان ھامان، غەرب ئەللىرى ئىرانغا قاراتقان بارلىق جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك دەپ ھېسابلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر