باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 10 يىلدا ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئۆستى

2015.03.24 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتمىدى، كەلگۈسىدە يۈرۈشلەشكەن تەدبىر قوللىنىپ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش كېرەك

  «ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى» 2014-يىلى تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلغاندىن ھازىرغىچە، 10 يىل مابەينىدە ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئۆسۈپ، رايونلار ئارىسىدىكى پەرق زور دەرىجىدە كىچىكلىدى، CPIنى يەڭدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتمىدى، ھازىرقى ئۆلچەم ئومۇمىي جەھەتتىن مۇۋاپىق دەرىجىدە بولدى. مۇتەخەسسىسلەر يەنە نىسبەتەن زور ئۆسۈش بوشلۇقى بار دەپ قارىدى. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەشتە تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك، يۈرۈشلەشكەن تەدبىر تۈزۈش ئارقىلىق، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش كېرەك.

  −− مۇھەررىردىن

  بېيجىڭ شەھىرى يېقىندا، 1-ئاپرېلدىن باشلاپ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن كارخانىلارنىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاشىنىڭ 1700 يۈەندىن ئاشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەر ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى كۆپ قېتىم ئۆستۈرۈپ، تۆۋەن كىرىملىك ئەمگەكچىلەرنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مېۋىسىدىن بەھرىلەندۈردى. لېكىن ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش بەك تېز ئېلىپ بېرىلسا كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەسىر يەتكۈزەرمۇ دېگەندىن ئەنسىرىدى.

  ئۇنداقتا ھازىرقى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى يۇقىرىمۇ ياكى تۆۋەنمۇ؟ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ دۆلەت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمگەك ئىش ھەققى تەتقىقات ئورنى ئۆتكەن 10 يىللىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش ئەھۋالىنى ئانالىز قىلدى.

  يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى ٪12.8 بولۇپ، رايونلار ئارا پەرق زور دەرىجىدە كىچىكلىدى

  تەتقىقات تېمىسىدا مەلۇم بولۇشىچە، ئەڭ تۆۋەن مائاش مۇقىم، تېز ئېشىشنى ساقلاپ، CPIنى يەڭگەن.

  ليۇ شۆمىن مۇنداق دېدى: ئانالىز قىلىپ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق 2014-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش رېتىمى ۋە ئۆسۈش نىسبىتىنىڭ تەدرىجىي تېز بولۇشىنىڭ نۇرغۇن ئامىللارنىڭ ئورتاق تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى، بۇنىڭغا ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەم ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشىشى تەسىر كۆرسەتكەن.

  يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان كارخانىلارنىڭ ئەمگەك كۈچى تەننەرخى بېسىمى ئاشتى، بەزىلەر بۇنى ئەڭ تۆۋەن مائاشنى بەك تېز ئۆستۈرۋەتكەنلىكتىن بولغان، دەپ قارىدى. ليۇ شۆمىن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئەڭ تۆۋەن مائاش سەۋىيىسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇۋاپىق دائىرە ئىچىدە بولۇپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى ۋە دەرىجىسى ئىنتايىن چەكلىك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە خىزمەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولدىكى، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئۆتكەن 10 يىلدا تېز ئۆسكەن، تۆۋەن كىرىملىك مائاشلىق ئەمگەكچىلەر ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مېۋىسىدىن بەھرىلەنگەن، ئەڭ تۆۋەن مائاشنىڭ يەنە نىسبەتەن زور ئۆسۈش بوشلۇقى بار. لېكىن ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش قېتىم سانى ۋە تەڭشەش دائىرىسىنى تېخىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىشىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۈرۈشلەشكەن تەدبىر تۈزۈش ئارقىلىق كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر